لۇغەتنى كۆرۈش: ر
- رىزە چىن — پارچە - پۇرات نەرسەلەرنى يىغقۇچى ، تاشلاندۇق نەرسەلەرنى تەرگۈچى؛
- رىزق — رىسىق ، ئوزۇق ، يېمەكلىك؛
- رىزۇ پاش — بىرەر نەرسەنى يونۇش ياكى چېپىشتىن چىققان چېپىندا ،قىرىندا ، ئۇۋاق؛
- رىزۋان — رازىلىق ، مەمنۇنلۇق ؛ جەننەت ؛ جەننەت ئىشىكىدە تۇرىدىغان پەرىشتە؛
- رىزىق — يەيدىغان - ئىچىدىغان نەرسەلەر؛ ئوزۇق-تۈلۈك، مەئىشەت؛
- رىسالە — كىتابچە ، ماقالە ؛ مەكتۇپ . خەت - چەك ؛ رىسالە ؛ كۆچمە مەناسى: نىزام؛
- رىسالەئى دەۋۋار — جاھانكېزەرلەر رىسالىسى؛
- رىسالەئى مۇغەننىييۇن — نەغمەچىلەر رىسالىسى؛
- رىسالەت — ئەلچىلىك ، پەيغەمبەرلىك؛
- رىسپوبلىكا(جۇمھۇرىيەت) — جۇمھۇرىيەت(جەمھۇرىيەت)؛ كۆپچىلىكنىڭ دەۋلىتى؛
- رىش — ؛1) يارا ، چاقا ، جاراھەت؛ كۆچمە مەناسى: داغ ، ھەسرەت ، رەنجىش؛ [رىش ئەتمەك، رىش ئەيلەمەك --- يارىدار قىلماق]؛ [رىش بولم
- رىشت — ئىلگىرىلەش ؛ ئادەت ، خاراكتېر ، تەبىئەت؛
- رىشتە — يىپ ، تانا ، تاناپ ، شوينا ؛ مۇناسىۋەت ، ئالاقە ؛ تېرە ئاستىدا پەيدا بولىدىغان يىپ قۇرت؛ [رىشتە تابى --- يىپ ئۆرۈمى]؛
- رىشتەئى ئەشك — توختىماس كۆز يېشى ، توختىماي ئېقىپ تۇرغان كۆز يېشى؛
- رىشتەئى ئەنكەبۇت — ئۆمۈچۈك تورى؛
- رىشتەئى ئىخوان — قارىنداشلىق رىشتىسى؛
- رىشتەئى رەنج — قىزىتمىنى ياكى بەزگەكنى باغلايدۇ ، توختىتىدۇ دەپ ،داخان تەرەپىدىن بېرىلگەن كۆپ تۈگۈنلۈك يىپ (خۇراپات)؛
- رىشتەئى مەريەم — مەريەمنىڭ يىپى؛ كۆچمە مەناسى: ناھايىتى ئىنچىكە يىپ ،ئىنچىكە تالا؛
- رىشتەكەش — كەشتە تىككۈچى ، چىۋەر گۈل تىككۈچى ، گۈل چېكىش ماھىرى؛
- رىشخەند — مەيخىرە قىلىش ، مازاق قىلىش؛ [ رىشخەند ئەتمەك --- مەسخىرە قىلماق ، مازاق قىلماق ؛مىيىقىدا كۈلمەك]؛
- رىشۋە دىھەندە — پارا بەرگۈچى؛
- رىشۋە/ رىشۋەت — پارا ؛
- رىشۋەخور/ رىشۋەخار — پاراخور؛
- رىغبەت، ئىلھام، تۈرتكە، — Incentive(ئىسىم)--بىرسىنى بىر ھەرىكەت قىلىشقا، مەلۇم بىر نىشانغا ئېرىشىشكە ياكى ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، ھە