لۇغەتنى كۆرۈش: ر
- رىھلەت (رەھلەت)؛ — يولغا چىقىش؛ جۆنەش؛ كۆچمەك؛ئۆلمەك؛
- رىۋ — ھىيلە - مىكىر ، ئالدام ؛ بەنت؛ [رىۋ ئەيلەمەك --- پەند قىلماق ، ھىيلە قىلماق ، ئالدىماق]؛ [رىۋ كۆرگۈزمەك --- بەنت قىلماق
- رىۋايات/ئەپسانەلەر — ؛«رىۋايەت» نىڭ كۆپلۈكى : رىۋايەتلەر ، چۆچەكلەر ، نەقىللەر؛
- رىۋايەت/ئەپسانە — رىۋايەت ، ھېكايە ، نەقىل ، چۆچەك؛ [رىۋايەت ئەتمەك --- ھېكايە قىلماق ، نەقىل كەلتۈرمەك]؛ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئېغىزدا ياكى
- رىۋۇ ئەفسۇن — ئالدام ، ھىيلە ، كۆز بوياش؛
- رىۋۇ رەنگ — بەنت ، تاكتىكا؛ ئالدام؛
- رىيا — يالغانچىلىق؛ ئۆزىنى ساختىلىق بىلەن ئۇلۇغ قىلىپ كۆرسەتمەك؛
- رىيائ — ساختىلىق ، ئىكىكى يۈزلىمىلىك ، تىلى بىلەن دىلى بىر ئەمەسلىك؛ [رىيائ ئەھلى --- ئىككى يۈزلىمىچىلەر ، ساختا ئادەملەر]؛
- رىيائىي — ساختا ، ئىككى يۈزلىمىچى ، رىياكار؛
- رىياز — ؛«رەۋزە»نىڭ كۆپلۈكى : باغلار ، گۈزەل باغچىلار؛
- رىيازە — رىيازەت؛
- رىيازەت — ؛1) كۆڭلى خالىغان نەرسەلەردىن ئۆزىنى تارتىپ ، قەستەن ئۆزىنى قىيناش ؛ قىينىلىش ،ئازابلىنىش؛ [رىيازەت چەكمەك --- نەپسىنىڭ
- رىيازىي — ماتېماتىكا پېنىگە تېگىشلىك؛ ماتېماتىك ، ماتېماتىكا ئالىمى؛
- رىيازىييات — ماتېماتىكا؛
- رىياسەت — رەئىسلىك ، باشلىقلىق ، باشچىلىق؛
- رىياكار — ساختا ، ئىككى يۈزلىمىچى ، تىلى بىلەن دىلى بىر ئەمەس؛
- رىيالىق — ئىككى يۈزلىمىچىلىك ، كۆز بويامچىلىق ، ساختىلىق؛
- رىياھ — ؛«رىيھ»نىڭ كۆپلۈكى : شاماللار ؛ پۇراقلار ، ھىدلار؛
- رىياھىن — :«رەيھان»نىڭ كۆپلۈكى : رەيھانى گۈللەر ؛ كۆچمە مەناسى:خۇشپۇراقلار ، خۇشبۇيلۇقلار؛
- رىيھ — شامال، پۇراق ، ھىد؛