لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دىۋ نەژاد — دىۋە نەسلى ، دىۋىدىن تۆرەلگەن ، دىۋىدەك قەبىھ؛
- دىۋ ۋەش — دىۋىگە ئوخشايدىغان؛ [دىۋ ۋەش خەلق --- دىۋىگە ئوخشايدىغان كىشىلەر]؛
- دىۋار — تام ، سېپىل؛ قاشا؛
- دىۋان — ھۆكۈمەت يىغىنى ۋە شۇ يىغىن بولىدىغان ئورۇن ، دەۋلەت مەھكىمەسى؛ ئىگىلىك مالىيە ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ باشلىقى؛ باش كاتىپ ، كاتى
- دىۋان بېگى — كونا جەمئىيەتتە يۇرتمۇ - يۇرت يۈرۈپ ئوشرە يىققۇچى.
- دىۋان(دىۋانىۋەش،دەۋانەۋەش)؛ — باش ئىدارە؛ مەھكىمە. 2) كىتاب؛ كونا زاماندا شېئىرلار توپلامى«دىۋان» دىيىلەتتى. 3) ئولتۇرىدىغان ياكى ياتىدىغان يۇمشاق ئور
- دىۋانە — سەۋدايى ، ئەقلىدىن ئازغان ، ھوشىنى يوقاتقان؛
- دىۋانە شىئار — سەۋدايى مىجەز ، سەۋدايى سۈپەت؛
- دىۋانە كىردار — سەۋدايى مىجەز؛
- دىۋانەئى شەيدا — ئەقلىدىن ئازغان ئاشىق ، خۇدىنى يوقاتقان ئاشىق؛
- دىۋانەۋار — سەۋدايىلارچە ، سەۋدايىدەك؛
- دىۋانەۋەش — ساراڭغا ئوخشايدىغان ، سەۋدايى سۈپەت؛
- دىۋانخانە — ھۆكۈمەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورۇن؛ مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى؛
- دىۋانشىئار — قانۇنچىل ، ئادىل؛
- دىۋانىي — دىۋان ئەمەلدارى ، دەۋلەتكە تېگىشلىك ، دىۋانغا تەئەللۇق؛ [دىۋانىي قىلماق --- دەۋلەت ئىختىيارىغا ئالماق، دەۋلەت مۈلكى قىلم
- دىۋە — جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ئەركىگى؛
- دىۋبەند — كۈچتۈڭگۈر ، قالتىس كۈچلۈك ، دىۋىنى باغلىغۇچى ، دىۋە بىلەن ئېلىشقۇچى؛
- دىۋزاد/دىۋزادە — دىۋىنىڭ بالاسى ، دىۋىدىن تۇغۇلغان ، دىۋىدەك كۈچلۈك؛
- دىۋزەدە — جىن تەگكەن ، جىن چېپىلغان ، دىۋە ئۇرغان؛
- دىۋسار — دىۋە شەكىللىك ، دىۋىگە ئوخشاش؛
- دىۋسىيرەت — دىۋە خۇيلۇق ، ئىچى قارا ، قارا كۆڭۈل ، بۇزۇق تەبىئەتلىك؛
- دىۋلاخ — دىۋە كۆپ جاي، دىۋىلەر ماكانى؛
- دىۋنىھاد — دىۋە تەبىئەت ، دىۋە مىجەز ، ئىچى قارا ، قارا كۆڭۈل ، قەبىھ؛
- دىۋنىھادلىق — دىۋە تەبىئەتلىك ، دىۋە مىجەزلىك؛ ئىچى قارىلىق؛