لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دىلكەش — يېقىملىق ، كۆڭۈلنى ئۆزىگە تارتىدىغان ، كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان؛ دىلنى ئەسىر قىلىدىغان؛
- دىلكەشلىك — كۆڭۈلنى ئۆزىگە تارتىش ، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش؛
- دىلكۇشا/دىلكۇشاي — كۆڭۈل ئاچقۇچى، كۆڭۈلنى شادلاندۇرغۇچى، يېقىملىق؛
- دىلكۇشادە — شاد، خۇرسەن ، خۇشال ؛ ئوچۇق كۆڭۈل؛ [دىلكۇشادە بولماق --- خۇشال بولماق، شادلانماق]؛
- دىلگىر — رەنجىگەن ، خاپىلىققا گىرىپتار بولغان ؛ تىت - تىت بولغان ، بوغۇلغان؛
- دىلمۇردە — كۆڭلى ئۆلۈك، ئارزۇ - ھەۋىسى قالمىغان، بوشاشقان،ھەپسىلىسىز ، چۈشكۈن؛
- دىلنەۋاز — كۆڭۈلنى ئوۋلىغۇچى ، دىلنى ئۆزىگە ئەسىر قىلغۇجى ، مۇلايىم ،كىشىنىڭ دەردىگە يېتىدىغان؛ سۆيۈملۈك يار؛
- دىلنەۋازلىغ — كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرۇش ، كۆڭلىنى ئېلىش؛
- دىلېر — Dealer(ئىسىم)--(1)ساتقۇچى، ۋاكالەتچى، تارقاتقۇچى؛ (2)كاسىنودا (مەسىلەن، پوكېر، بلاك جاك) كارتا تارقىتىدىغان كىشى؛(3)قانۇ
- دىلىپكار — دىلغالايىق؛ پىكىرگە تەسىر قىلارلىق.
- دىلىستان — كۆڭۈلنى ئالغۇچى، دىلنى ئۆزىگە رام قىلغۇچى، دىلبەر ،سۆيۈملۈك؛
- دىم كۆرمەك — پارات قىلماق ، قوشۇننى كۆزدىن كەچۈرۈپ سانىنى ئالماق؛
- دىمائ — ؛«دەم»نىڭ كۆپلۈكى : قانلار؛
- دىماغ — بۇرۇن ؛ مېڭە؛ ئەقىل - پاراسەت ؛ مىجەز ، خاراكتېر ، تەبىئەت ، كەيپىيات، روھىي ھالەت،قابىلىيەت، مەغرۇرلۇق؛ [دىماغ ئۆيى ---
- دىمەت — تەڭتۇش؛ يېشى تەڭ.
- دىن — دىن؛ ئېتىقاد؛ [دىينى ئىسلام --- ئىسلام دىنى]؛
- دىنار — تىللا ، ئالتۇن ، ئاقچا ، پۇل؛
- دىنەمەك — سىنىماق ، سىناق قىلماق ، تەمىنى تېتىماق؛
- دىنوزاۋر — دىنوزاۋر-- تەخمىنەن 230 مىليون يىل ئىلگىرىدىن 66 مىليون يىل ئىلگىرىگىچە يەر يۈزىدە ياشىغان چوڭ-كىچىك ھەر خىل سۈرۈنگەن ھا
- دىھنىشىن — يېزىدا ياشايدىغان ، يېزىلىق؛
- دىۋ — چۆچەكلەرە دېيىلىدىغان ئىنتايىن زور ، كۈچلۈك ۋە قورقۇنچلۇق بىر خىل مەخلۇق، دىۋە؛
- دىۋ ئايىن — دىۋىسىمان ، دىۋە سۈپەت ؛
- دىۋ باد — قۇيۇن؛ قۇيۇندەك تېز ؛
- دىۋ كۇش — دىۋىنى ئۆلتۈرگۈچى؛ كۆچمە مەناسى: ئىنتايىن باتۇر ، ئاجايىپ قەھرىمان؛