لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دىلخۇن — باغرى قان؛ كۆچمە مەناسى: قاتتىق ئەلەم تارتقان، كۆڭلى قاتتىق ئازار يېگەن؛
- دىلدار — دىلغا ئارام بېرىدىغان ، كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان؛ كۆڭۈللۈك ، سۆيۈملۈك، مەھبۇب ، يار؛ [دىلدار مۇساھىب --- كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرى
- دىلدارلىغ — مەھبۇبلۇق ؛ كۆڭۈل ئېلىش؛
- دىلدوز — كۆڭۈلنى ئازابلايدىغان ، قىينايدىغان؛
- دىلرابا — كۆڭۈلنى تارتقۇچى، (رابا - تارتقۇچى)؛
- دىلرەبا — كۆڭۈلنى مەپتۇن قىلغۇچى، جەزبىلىك، سۆيۈملۈك، دىلنى سۆيۈندۈرگۈچى، كۆڭۈلنى شادلىققا چۆمدۈرگۈچى؛ دىلنى رام قىلغۇچى ، سۆيۈملۈ
- دىلرەبالىق — كۆڭۈلنى مەپتۇن قىلىش ، ئوماقلىق ، مەھبۇبلۇق؛
- دىلرەبايەندە — كۆڭۈلنى ئالغۇچى ، كۆڭۈلنى مەپتۇن قىلغۇچى ، دىلنى رام قىلغۇچى؛
- دىلرەبايەندەلىق — دىلنى رام قىلىش ، كۆڭۈلنى مەپتۇن قىلىش؛
- دىلرىش — دىلى يارا ، ئېغىر قايغۇ چەككەن ، دىلى ۋەيران؛
- دىلرىشلىك — كۆڭلى سۇنۇقلۇق ، دىلى يارىلىق ، ئېغىر قايغۇ چەككەنلىك؛
- دىلسوز — يۈرەكنى كۆيدۈرگۈچى ؛ جانكۆيەر ، دىلى كۆيگەن، يۈرىكى ئۆرتەنگەن؛ غەمگۇزار؛
- دىلسوزلىغ — جانكۆيەرلىك ، دىلى ئۆرتىنىش؛
- دىلسۇختە — يۈرىكى ئۆرتەنگەن ، باغرى كاۋاپ؛
- دىلسۇختەۋار — يۈرىكى ئۆرتەنگەنلەرگە ئوخشاش؛
- دىلشاد — دىلى شاد ، خۇشال ، خۇرسەن ، مەمنۇن؛
- دىلشۇرە — دىلىنى بېغىشلىغان ، شەيدا بولغان ، ئاشىق؛
- دىلشىكار — كۆڭۈل ئوۋلىغۇچى ، دىلنى ئۆزىگە ئەسىر قىلغۇچى؛
- دىلشىكەستە — دىلى سۇنۇق ، كۆڭلى پەرىشان ؛ غەمكىن؛
- دىلشىكەن — خاپا قىلغۇچى ، كۆڭۈلنى ئاغرىتقۇچى ، يۈرەكنى زىدە قىلغۇچى؛
- دىلشىكەنلىك — كۆڭۈلگە ئازار بېرىش؛
- دىلفۇرۇز — كۆڭۈلگە ئوت سالغۇچى ، كۆڭۈلنى شاد قىلغۇچى ، شادلاندۇرغۇچى، يېقىملىق؛
- دىلفىرىب — كۆڭۈلنى ئالدىغۇچى ، يولدىن ئازدۇرغۇچى ، ئۆزىگە رام قىلغۇچى، كۆڭۈلنى مەھلىيا قىلغۇچى؛ كۆچمە مەناسى: گۈزەل ، ساھىبجامال؛
- دىلفىگار — دىلى سۇنۇق، قەلبى يارا؛