لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دىلارالىق — گۈزەللىك ؛ دىل بېزىكىلىك؛
- دىلازۇردە — كۆڭلى ئازار يېگەن ، دىلى رەنجىگەن ، قەلبى تىرنالغان ،قايغۇلۇق؛
- دىلاۋەر — يۈرەكلىك ، باتۇر ، قەھرىمان ، پالۋان؛
- دىلاۋەرلىق — باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق،پالۋانلىق؛
- دىلاۋەرىي — قەھرىمانلىق ، جاسارەت ، باتۇرلۇق؛
- دىلاۋىز — كۆڭۈلنى ئۆزىگە بەنت قىلغۇچى ، دىلنى باغلىۋالغۇچى ؛ سۆيۈملۈك ،ئوماق؛ [دىلاۋىز ئەيلەمەك --- كۆڭۈلنى ئۆزىگە بەنت قىلماق ، ك
- دىلەفگارلىغ — دىلخەستىلىك ، كۆڭۈل ئارامسىزلىقى ، دىل ۋەيرانچىلىقى؛
- دىلبەر — كۆڭۈلنى تارتقۇچى؛ كۆچمە مەناسى: مەھبۇب ، سۆيۈملۇك يار ، گۈزەل؛
- دىلبەرلىق — ئوماقلىق ، مەھبۇبلۇق؛
- دىلبەستە — بىراۋغا دىلى باغلانغان ، بىراۋنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ، مەپتۇن بولغان ،ئاشىق بولغان؛
- دىلبەستەلىق — بىراۋغا كۆڭۈل باغلىغانلىق ، كۆيۈپ قالغانلىق ، ئاشىقلىق؛
- دىلبەند — بىراۋغا كۆڭلى باغلانغان ، دىل باغلىغان ، كۆيگەن ، ئاشىق ، كۆيدۈرگۈچى، دىلنى ئەسىر قىلغۇچى ، كۆيگەن يار؛ كۆچمە مەناسى: پە
- دىلبەندلىق — دىلنى باغلىغۇچىلىق ، كۆڭۈلنى ئۇتۇۋالغانلىق، دىلنى تارتقۇچىلىق ، شىرىن سۆزلۈك ،خۇش مۇئامىلىلىك ، ئوماقلىق؛ كۆچمە مەناسى:
- دىلپەزىر — كۆڭۈلگە ياقىدىغان، يېقىملىق، ئوماق ؛ مۇناسىپ ، لايىق؛ [دىلپەزىر بولماق --- كۆڭۈلگە ياقماق، يېقىملىق بولماق]؛ [دىلپەزىر ت
- دىلپىسەند — كۆڭۈلگە ياقىدىغان ، يېقىملىق ، يارايدىغان؛
- دىلتەنگ — غەمكىن ، قايغۇلۇق ، سىقىلغان ؛ جىمغۇر؛ [دىلتەنگ ئولماق --- غەمكىن بولماق، قايغۇرماق ، سىقىلماق، ئازاب ئارتماق]؛
- دىلجو/دىلجوي — كۆڭۈلنى ئالىدىغان ، دىلغا ئارام بېرىدىغان، كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان ، ئەركىلەتكۈچى؛ كۆڭۈل سورىغۇچى؛ كۆڭلى تارتقان ، تىلىگە
- دىلجويلۇق — كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرۇش ، كۆڭۈل سوراش؛
- دىلچە — پاناھ جاي ، يوشۇرۇنىدىغان ئورۇن، ئورەك؛
- دىلخاھ — كۆڭۈل خالىغان ، كۈتۈلگەن ، چەندىكى ؛ كۆڭۈل تارتقان؛ يېقىملىق؛
- دىلخاھۋەش — كۆڭۈلدىكىدەك ، كۈتكىنىدەك ، چەندىكىدەك؛
- دىلخەراش — يۈرەكنى تىرنايدىغان ، دىلنى ئەزگۈچى ، قايغۇغا سالغۇچى ،قۇلاققا ياقمايدىغان (سادا) ؛
- دىلخەستە — دىلى ئېزىلگەن ، يۈرىكى زېدە ، دىلى ۋەيران؛
- دىلخۇش — كۆڭلى شاد ، خۇشال ؛ خۇرسەن ؛ رازى؛ [دىلخۇش ئەيلەمەك --- سۆيۈندۈرمەك، خۇشال قىلماق ، شادلاندۇرماق؛ رازى قىلماق]؛