لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دىقاق — ؛«دەقىق»نىڭ كۆپلۈكى: ئىنچىكىلىكلەر، نازۇكلۇقلار؛ كۆچمە مەناسى: چوڭقۇر مەنالىق سۆزلەر؛
- دىققەت — ئېتىبار قىلىش ، ئىنچىكىلەپ قاراش ، ھەزەر قىلىش؛ ئىنچىكىلىك ،نازۇكلۇق؛
- دىققەت قىلماق
- دىققەتلىق — نازۇك ۋە ئىنچىكە مەنالىق ، چوڭقۇر چۈشەنچىلىك ، ئەستايىدىللىق؛
- دىكتاتور — چەكلەنمىگەن، ھوقۇقلاردىن پايدىلانغۇچى ھۆكۈمدار؛ بىرەر ساھەدە خالىغىنىچە ھاكىملىق، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى.
- دىكتاتورا — ھۆكۈمرانلىق؛
- دىكتور — رادىئودا ئاڭلىتىدىغان ماقالا - خەۋەر ۋە باشقىلارنى مىكرافون ئالدىدا ئوقۇپ بەرگۈچى؛
- دىكلاماتسىيە — ئۇنلۈك ئوقۇلغان شېئىر ياكى تېكىست؛
- دىكلە/دىكلەي — جىلىتكە ، يەڭسىز كىيىم ، قىسقا يەڭلىك كىيىم؛
- دىكوراتسىيە — Decoration(ئىسىم)--بىر نەرسەنى چىرايلىق قىلىش، كۆركەم قىلىش ئۈچۈن قوشۇلغان بېزەك، ئورناتما، ياساتما؛ ئۆي، بىنا ياكى جاين
- دىگ — قازان ؛ داڭقان ؛
- دىگەر — بۆلەك ، باشقا ، ئىككىنچى بىر ، ئۆزگە ؛ «ناماز دىگەر»نىڭ قىسقارتماسى؛
- دىگەر بار/دىگەر بارە — يەنە بىر قېتىم، كېلەر نۆۋەت؛
- دىگەرگۇن — باشقاچە ، ئۆزگەچە ، باشقا رەڭدىكى؛ [ دىگەرگۇن ئەيلەمەك، دىگەرگۇن قىلماق ---ئۆزگەرتمەك ، باشقاچە رەڭگە كىرگۈزمەك]؛
- دىل ئارا/دىلارا — كۆڭۈلنى بېزىگۈچى، دىل بېزىكى؛ كۆچمە مەناسى: سۆيۈملۈك يار؛
- دىل ئارام/دىلارام — كۆڭۈلنى تىنچلاندۇرغۇچى ، يۈرەككە ئارام بېغىشلىغۇچى؛ كۆچمە مەناسى: سۆيۈملۈك يار؛
- دىل ئازار/دىلازار — كۆڭۈلنى رەنجىتكۈچى ، دىلغا ئازار بەرگۈچى ،رەھىمسىز ، تاش يۈرەك؛ كۆچمە مەناسى: سۆيگەن يار؛
- دىل ئاساي/دىلاساي — يېقىملىق ، كۆڭۈلگە تەسەللى بېرىدىغان ؛ مەپتۇن قىلارلىق؛ [دىل ئاساي ، دىلاساي سۆز --- يېقىملىق سۆز]؛
- دىل ئاشۇب/دىلاشوب — كۆڭۈلنى پاراكەندە قىلىدىغان، كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان، تىنچلىقنى بۇزغۇچى؛
- دىل ئاگاھ — سەزگۈر ، ھوشيار ؛ يىراقنى كۆرەر ، نەزەر دائىرىسى كەڭ؛
- دىل ئەفروز/دىلەفروز — دىلنى يورۇتقۇچى ، كۆڭۈلنى ئاچقۇچى ، مەپتۇن قىلغۇچى؛
- دىل ئەفگار/دىلەفگار — ھەددىدىن زىيادە خاپىچىلىق تارتقان، كۆڭلى پەرىشان، كۆپ رىيازەت چەككەن، يۈرىكى زىدە، دىلى سۇنۇق ، يۈرىكى مەجرۇھ؛
- دىلئارا — كۆڭۈلنى مەپتۇن قىلغۇچى؛ گۈزەل؛ دىلبەر؛
- دىلئاگاھ — قەلب (دىل) سەزگۈرلىكى.