لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دىدەئى گىريان — يىغلاڭغۇ كۆز؛
- دىدەخۇن — كۆزى قان.
- دىدەك — چاكار قىز؛ ئۆي خىزمەتچىسى.
- دىدبان — ساقچى ، پايلاقچى ، قاراۋۇل ، پاسىبان ، نازارەتچى ، كۆزەتچى؛
- دىر — كېچىككەن ، بۇرۇنقى، ئۆتكەنكى ، ئۆتمۈشتىكى؛ [دىر تۇتماق --- ئۇزاققا سوزۇلماق]؛
- دىرئ — ساۋۇت ، زىرىھ؛
- دىراپ — موۋۇت تۈرىگە كىرىدىغان يۇڭ رەخت.
- دىرايەت — ئاڭ ، چۈشەنچە ، تونۇش ، بىلىم ، خەۋەردارلىق ، تالانت ،ئەقىل - پاراسەت؛
- دىرەفش — ؛1) ئۈچ بۇرجەكلىك زىننەتلىك بايراق، بايراق؛ 2) بىگىز؛ 3) پارقىراق ، پارلاق ؛ نۇر ؛چاقماق ، چېقىن؛
- دىرەفشى كاۋىيانى — قەدىمقى ئىران پادىشاھلىرىدىن زاھاكقا قارشى خەلق قوزغىلىڭى ئۇيۇشتۇرغان ئىسفاھانلىق مەشھۇر تۆمۈرچى كاۋەنىڭ كۆن بايرىقى (بۇ
- دىرەم/دىرھەم — پۇل ، كۈمۈش تەڭگە؛
- دىرەمپاش — تەڭگە چاچقۇچى، سېخى؛
- دىرەمپاشلىق — تەڭگە چېچىش ، سېخىيلىق؛
- دىرەمسىز — پۇلسىز ، كەمبەغەل ، نامرات؛ [دىرەمسىز ئەل --- نامراتلار]؛
- دىرژابىل — ئىچىگە تولدۇرۇلغان گاز كۈچى بىلەن كۆتىرىلىپ،موتور كۈچى بىلەن يۈرۈدىغان، ھاۋادا يەڭگىل ئاپارات؛ھاۋا شارى؛
- دىرنا تەلالا — قوشاقلاردىكى بىر تۈرلۈك نەقرات؛
- دىرىژور — ئوركېستىر ياكى باشقۇرغۇچى؛
- دىز/دىژ — قورغان ، قەلئە؛ [ئاھەنىن دىز --- پولات قورغان ، مۇستەھكەم قورغان]؛
- دىژەم — گاڭگىراپ قالغان؛ پاچاقلانغان؛ سۇلغۇن خاراب ، غەمكىن ؛ ئېزىلگەن ،يانچىلغان ؛غەزەپلىك، قەھىرلىك؛ [دىژەم قىلماق --- ئەزمەك؛
- دىژەمۋار/دەژەم/دەژەمۋار — خار ھالەتتىكى ، خارلارچە ، غەمكىن ھالا ، سۇلغۇن قىياپەتتە ،قايغۇلۇق؛
- دىسار — سۆز بىرىكمەسىدە «مول ، باي ، كۆپ ، تولۇق» مەنالىرىدە كېلىدۇ؛ [بۇقەلەمۇن دىسار --- كۆچمە مەناسى: تۇراقسىز ، ئۆزگىرىشچان،
- دىستوپىك — Dystopian(سۈپەت)--ئۇتوپىيەنىڭ ئەكسى بولۇپ، كەلگۈسىدىكى قورقۇنچلۇق، بېسىلغان، ناتوغرا ۋە ئېچىنارلىق جەمئىيەت ياكى دۇنيانى
- دىسسولۇتسىيە — Dissolution(ئىسىم)--(1) خىمىيەدە قاتتىق ماددانىڭ سۇيۇق ماددا ئىچىدە ئېرىپ ئارىلىشىش جەريانى؛ (2) بىر تەشكىلات، شېرىكلىك
- دىشۋار(دۇشىۋار) ؛ — جاپا - مۇشەققەت؛ قىيىن؛ نەسلىك؛ئەنسىزچىلىك؛ كېلىشمەسلىك؛