لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دىۋىدەك، دىۋ پەيكەر — دىۋىدەك ، دىۋىسىمان ، ھەيۋەتلىك ، قورقۇنچلۇق؛
- دىۋىزىيە — Division(ئىسىم)--بىر نەرسەنى بۆلۈش، ئايرىش؛ چوڭ تەشكىلاتنىڭ مۇستەقىل بۆلۈمى؛ ماتېماتىكىدا بۆلۈش مەشغۇلاتى؛ ھەربىي فىرقە؛
- دىۋىگاتېل — ھەركەتلەندۈرگۈچى مىخانىزىم؛
- دىيار — ؛«دار»نىڭ كۆپلۈكى : ئۆي - ماكانلار ، تۇرالغۇ جايلار ، يۇرتلار؛
- دىيانەت — دىندارلىق؛ ئۆزىنى دىنىي ئەدەپ بىلەن تۇتماق.
- دىيەت — بىر كىمنى ئۆلتۈرگەن ياكى بىر كىمنىڭ بىرەر ئەزاسىنى مېيىپ قىلغان گۇناھ ئۈچۈن تۆلىنىدىغان تۆلەم، خۇن ھەققى؛