لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خۇم — ساپال ئىدىش؛ خۇمرا ، كۈپ ، كوزا ، دۇمباق ؛ نەي ؛ قەپەز ، كاتەك؛
- خۇم(خۇمرا)؛ — قاچا؛ لايدىن ياسالغان كورا؛
- خۇمار — چالا مەست ھالەت ، مەستلىكتىن كۆزى ئېلىشىش ؛ مەستلىك تارقىغاندىن كېيىنكى باش ئاغرىقى؛
- خۇماسى — ئەرەبچىدىكى بەش ھەرپتىن تەركىب تاپقان سۆزلەر ، بەش ھەرپلىك سۆز ، بەشلىك؛
- خۇمخانە — مەيخانا ، مەي تەييارلايدىغان ئورۇن ، مەي ئورىسى ، مەي ئامبارى؛
- خۇمدانلىق — ئۈرۈمچى شەھەرىدىكى بىر مەھەللە(ئورۇن)نىڭ ئىسمى؛ يەر-جاي ناملىرى؛
- خۇمس — بەشتىن بىر؛
- خۇمۇر — ؛«خەمر»نىڭ كۆپلۈكى : ھاراقلار ، مەيلەر؛
- خۇمۇل — نام - نىشانسىزلىق، ئىز - دېرەكسىزلىك ، نامەلۇملۇق ، نائېنىقلىق؛تەركىي دۇنيالىق؛
- خۇن — قان؛ خۇن؛
- خۇن ئاشام — قان ئىچكۈچى ، قان ئىچەر ، قانخور؛
- خۇن ئالودە — قانغا بويالغان؛
- خۇن ئالۇد — قانغا بۇلغانغان ، قانغا بويالغان؛ [يەدى خۇن ئالۇد --- قانغا بويالغان قول]؛
- خۇن ئامىز — قان ئارىلاش ، قانلىق ، قانغا ئايلانغان؛
- خۇن رىز — (رىز-تۆككۈچى ،قان تۆككۈچى)
- خۇناب/خۇنابە — قانلىق ياش؛ كۆچمە مەناسى: ئاچچىق يىغا؛
- خۇنبار — قانلىق ياش تۆككۈچى ، ئاچچىق يىغلىغۇچى ، زار يىغلىغۇچى؛
- خۇنبەھا — خۇن باھاسى ، خۇن ھەققى ، ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم ئۈچۈن بېرىلىدىغان تۆلەم؛
- خۇنپالا — قان يۇقى ، قانغا بۇلغانغان ، قانلىق ، قانىغان؛
- خۇنخار — قانخور ، جاللات؛
- خۇنخارە — قان يۇتقۇچى ، قاتتىق قايغۇ چەككۈچى ، ئىنتايىن ئازابلانغۇچى؛
- خۇنخارلىق — قان يۇتۇش ، ئېغىر دەرد - ھەسرەت؛
- خۇنخور — قانخور؛
- خۇنرىز — قان تۆككۈچى ، قان ئاققۇزغۇچى ، رەھىمسىز؛