لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خۇنسا — قوش جىنسلىق، ھەم ئەر ، ھەم ئاياللىق بەلگەسى بار، خۇمسى؛
- خۇنفىشان — قان چاپقۇچى ، ئۆلتۈرگۈچى ، جاللات؛
- خۇنىن — قانلىق ، قانغا بويالغان؛
- خۇنىي — جېنىدىن كەچكەن ، پىدائىي ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ؛ قىزىل قان رەڭلىك؛
- خۇنيا — كۈي ، ئاھاڭ ، غەزەل ؛
- خۇنياگەر/خۇنيەگەر — سازەندە ، كۈيچى ، غەزەلچى ، ناخشاچى؛
- خۇنياگەرلىك — سازەندىلىك ؛ غەزەلچىلىك ؛ ناخشاچىلىق؛
- خۇۋەرنەق — خەۋەرنەق؛
- خۇي — خۇ؛ تەر؛ ئادەت ؛
- خۇيۇل — ؛«خەيل»نىڭ كۆپلۈكى: توپلار ، گۇرۇھلار ، قوشۇنلار، پادىلار ،يىلقىلار؛
- خۈدۈك — گۇمان؛
- خۈدۈكسىمان — ئۆز-ئۆزىدىن گۇمانلانماق؛
- خۈنۈك — نۇرسىز؛ جۇلاسىز؛
- خېچىر
- خېرىدار — سېتىۋالغۇچى؛ مۇشتەرى؛
- خېنە — خېنە (Lawsonia inermis): خېنە ئۆسۈملۈكىنىڭ يوپۇرمىقىدىن ئېلىنغان تەبىئىي بوياق بولۇپ، قىزىل-قوڭۇر رەڭ بېرىدۇ. بۇ بوياق ت
- خېنزىر — چوشقا؛توڭگۇز؛
- خېنىن — بەزگەك كېسەلىگە شىپا بولىدىغان قېرىق دورا؛
- خىبرە — كەسىپ ئىگەسى ، ئۆز ساھەسىگە تەئەللۇق ئىشنى پىششىق بىلىدىغان ئادەم؛ تەجرىبەلىك؛بىلىم ، تەجرىبە؛
- خىبرەت — تەجرىبە ، مۇئەييەن ئىش - ھەرىكەت ھەققىدە ئىگىلەنگەن بىلىم ،ساۋاق؛
- خىتاب — نۇتۇق ، سۆز ، سۆھبەت؛ چاقىرىق ، مۇراجىئەت ، خىتاب؛ [خىتاب قىلماق --- سۆز بىلەن مۇراجىئەت قىلماق]؛
- خىتابات — ؛«خىتاب»نىڭ كۆپلۈكى : نۇتۇقلار ، سۆزلەر ، سۆھبەتلەر ،چاقىرىقلار ، مۇراجىئەتلەر؛
- خىتابنامە — Declaration(ئىسىم)--رەسمىي ياكى ئاشكارا بايان قىلىنغان پىكىر، قارار ياكى ئۇچۇرنى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، "مۇستەقىللىق خىتابن
- خىتام — ئاخىرلىشىش ، تۈگەش ، تاماملىنىش ، خاتىمە ، خۇلاسە ، ئاقىۋەت؛