لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خۇشنەۋاز — ياخشى چالغۇچى ، ئۇستا سازەندە؛
- خۇشنەۋىس — خۇشخەتچى، خەتنى چىرايلىق يازغۇچى، خەتتات؛
- خۇشنود — خۇشاللىق؛ شاتلىق؛رازىلىق؛
- خۇشنۇد — شاد ، خۇرسەن ، خۇشال ؛ رازى ، قانائەتلەنگەن؛ [خۇشنۇد ئەتمەك، خۇشنۇد ئەيلەمەك --- شادلاندۇرماق ، خۇشال قىلماق]؛
- خۇشھال — خۇشال ، شاد؛ مەمنۇن، رازى؛ [خۇشھال ئەتمەك --- خۇشال قىلماق، مەمنۇن قىلماق]؛
- خۇشۇئ — ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش، كەمتەرلىك ؛ يالۋۇرۇش؛ ئېھتىرام؛ [خۇشۇئ ئەيلەمەك، خۇشۇئ قىلماق --- يالۋۇرماق ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتماق]؛
- خۇشۇنەت — قوپاللىق ، قاتتىقلىق؛
- خۇشىك — قۇرۇق؛
- خۇففاشلىغ — يورۇقلۇقتىن قېچىش؛
- خۇفيە — تۇيدۇرماستىن ، ئاستاغىنا، مەخپىي؛ جاسۇس؛
- خۇك — توڭگۇز، چوشقا؛
- خۇكبان — توڭگۇز باققۇچى؛
- خۇكبانلىق — توڭگۇز باققۇچىلىق ، توڭگۇز بېقىش؛
- خۇكى ئابى — سۇ توڭگۇزى ، ھىندىستان دەريالىرىدا بولىدىغان بىر خىل سۇ ھايۋىنى؛
- خۇلاسات — ؛«خۇلاسە»نىڭ كۆپلۈكى: خۇلاسىلەر؛
- خۇلاسە — نېگىز ، مېغىز ، ماھىيەت ؛ مۇھىم ئامىل ، ئىخچام كۆرۈنۈش،قىسقىچە مەزمۇن، نەتىجە؛
- خۇلافائ — ؛«خەلىفە»نىڭ كۆپلۈكى: خەلىپىلەر؛
- خۇلد — ئەبەدىيلىك ، مەڭگۈلۈك ، دائىملىق ، جەننەت؛ [خۇلدى بەرىن --- جەننەت]؛ [خۇلد ئايىن --- جەننەتتەك بېزەكلىك ، جەننەتتەك چىرا
- خۇلد ئايىن — جەننەتتەك بىزەكلىك ، جەننەتكە ئوخشاش گۈزەل؛
- خۇلق — كىشىنىڭ تەبىئەتى، خاراكتېرى ، خۇي - پەيل ، كەيپىيات؛
- خۇلقى كەرىم/خۇلقى ھەسەن — ياخشى خۇلق ، ياخشى مىجەز؛
- خۇللەس — ؛«خالىس»نىڭ كۆپلۈكى: پاكلار ، ساپلار ، پاك نىيەتلەر، ھەققانىيەتلەر؛
- خۇلۇس — ساپلىق ، پاكلىق ، خالىسلىق ، توغرىلىق ، سادىقلىق ، سەمىمىيلىك ،ئاق كۆڭۈللۈك ،ئوچۇق - يورۇقلۇق؛
- خۇلۇۋ — بوشلۇق ، خالىيلىق، يالغۇز ياشاش ، يېگانە تۇرۇش ؛ خىلۋەت جاي؛