لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خۇشخان — كىتابنى يېقىملىق ، تەسىرلىك ئوقۇغۇچى؛ ناخشاچى ، غەزەلچى؛
- خۇشخىرام — گۈزەل يۈرۈشلۈك ، يورغا ، چاققان، چەبدەس؛
- خۇشدەم — كىشىنى ئاۋۇندۇرىدىغان ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان؛
- خۇشدىل — خۇرسەن ، خۇشال ، شاد؛
- خۇشدىللىق — خۇرسەنلىك ، شادلىق؛
- خۇشرەفتار — خۇش قەدەم ، چىرايلىق ماڭىدىغان ، ئەدەپ - قائىدىلىك ؛
- خۇشفەسانە — گۈزەل چۆچەك ، يېقىملىق ھېكايە؛
- خۇشك — قۇرۇق ، قۇرغاق ؛ قۇرۇقلۇق ، يەر؛
- خۇشكدارۇ — قۇرۇق دورا ، ئۇۋاق دورا؛
- خۇشكلەبلىغ — تەشنالىق ، بەھرىسىزلىك؛
- خۇشكۇتەر — ھۆل ۋە قۇرۇق؛ يەر ۋە دېڭىز؛
- خۇشگۇفتار — تىلى تاتلىق ، يېقىملىق سۆزلەيدىغان؛
- خۇشگۇۋار — تەملىك ، مەززىلىك ، لەززەتلىك؛
- خۇشگۇي — گۈزەل سۆز ، شېرىن سۆز ؛ شېرىن سۆزلۈك؛
- خۇشگۇيلۇق — شېرىن سۆزلۈك ، ياخشى ئىپادىلىك؛
- خۇشلاماق — ياقتۇرماق ، ماقۇل كۆرمەك؛
- خۇشلۇق — ياخشىلىق ، شادلىق ، خۇرسەنلىك ؛
- خۇشمەشرەب — ياخشى تەبىئەتلىك ، خۇشخۇيلۇق ، يۈرۈش -تۇرۇشى يېقىملىق ، چىقىشقاق، ئۈمىدۋار؛
- خۇشمەقال — شېرىن سۆز ؛ سۆزمەن ، گەپتان؛
- خۇشمۇھاۋەرە — خۇش گەپ ، سۆزمەن ، گەپكە ئۇستا؛
- خۇشنەغمە — غەزەلخان، يېقىملىق ناخشا ئېيتقۇچى، يېقىملىق كۈيلەيدىغان، چىرايلىق سايرايدىغان؛
- خۇشنەغمە سەرا — گۈزەل كۈيلىگۈچى، غەزەلخان ، يېقىملىق سايرايدىغان؛
- خۇشنەما — كۆركەم ، گۈزەل ، چىرايلىق؛
- خۇشنەۋا — خۇش ئاۋاز ، ياخشى كۈيلىگۈچى ، ئاۋازى يېقىملىق؛