لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خۇسرەۋانە — پادىشاھلارچە ، پادىشاھقا ئوخشاش ، پادىشاھلىققا لايىق،شاھانە؛
- خۇسرەۋانىي — پادىشاھلىق ، پادىشاھقا تېگىشلىك ، پادىشاھلىققا مەنسۇپ؛
- خۇسرەۋلىغ — پادىشاھلىق؛
- خۇسرەۋى ئەنجۇم — يۇلتۇزلار پادىشاھى - قۇياش؛
- خۇسرەۋى زەنگ — زەنگى (ھەبەش ) پادىشاھى ؛ كۆچمە مەناسى: كېچە؛
- خۇسۇسىييەت — خاسلىق ؛ خۇسۇسىيەت ؛ دوستلۇق؛
- خۇسۇف — تۇتۇلۇش ؛ ئاي تۇتۇلۇشى؛ [خۇسۇفى قەمەر --- ئاينىڭ تۇتۇلۇشى]؛
- خۇسۇفزاد — تۇتۇلدۇرغۇچى، تۇتۇلۇش سەۋەبچىسى؛
- خۇسۇم — «خەسم»نىڭ كۆپلۈكى: دۈشمەنلەر ، رەقىبلەر؛
- خۇسۇمەت — دۈشمەنلىك ، ئاداۋەت ؛ ئۇرۇشۇش ، تىللىشىش؛
- خۇش — ياخشى، گۈزەل ، ياراملىق ، يېقىملىق ؛ خۇشال ، مەمنۇن ، خۇرسەن؛ [خۇش ئەختەر --- تەلەيلىك، تەلىيى ئوڭ]؛ [خۇش ئەدا --- گۈزەل
- خۇش مەئاش — خۇش مۇئامىلە؛
- خۇش ناۋا — خۇش ئاۋاز؛ ياخشى كۈيلىگۈچى.
- خۇشا — پاھ ، نېمىدېگەن ياخشى! ناھايىتى بەلەن بولدى! يارايدۇ! خوش! ؛
- خۇشاب — ئۈرۈك قېقى سۈيى، گۈلە سۈيى؛ تازا ، تىنىق ، ساپ ، پارقىراق؛ [دۇررى خۇشاب --- ساپ دۇر، تازا مەرۋايىت]؛
- خۇشايەندە — خۇشال قىلارلىق ، يارايدىغان ، دىلغا ياقىدىغان، كۆڭۈلدىكىدەك؛ كېلەچىكى ياخشى؛
- خۇشباش — خەير - خوش ، ئامان بولۇڭ (خوشلاشقاندا ئېيتىلىدىغان سۆز): ئوچۇق، خۇشال؛ ئوچۇق، خۇشال؛
- خۇشتار — ئامراقلىق؛ بېرىلمەكلىك.
- خۇشتەبىئ — تالانتلىق ، زېھنى ئۆتكۈر ، ئەدەبىيات - سەنئەتتىن خەۋەردار؛خۇش پېئىل؛
- خۇشتەر — ياخشىراق ، تېخىمۇ ياخشى ، ئەڭ ياخشى ، ناھايىتى ئوبدان؛
- خۇشتەركىب — خۇشپىچىم ، بەدىنى كېلىشكەن ؛ گۈزەل ، كۆركەم؛
- خۇشتەقرىر — ياخشى ئىپادە ، گۈزەل سۆز ، سۆزمەن ، ئىپادەلەشكە ماھىر، ناتىق؛
- خۇشتەلقىن — ياخشى چۈشەندۈرۈش ، ئوبدان ئاڭلىتىش ، ياخشى تەلىم، ياخشى ئۆگىتىش؛
- خۇشتەۋر — خۇشپىچىم ، كېلىشكەن ، يېقىملىق ، يۈرۈش - تۇرۇشى جايىدا؛