لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خۇررام — خۇشاللىق؛ شاتلىق.
- خۇررەم — شاد ، خۇرسەن ، خۇشال ؛ گۈللىگەن ، ياشارغان ؛ ساپ ، تازا؛ [خۇررەم ئولماق، خۇررەم بولماق --- ياشنىماق ، گۈللىمەك ؛ شادلانم
- خۇرسەند — قانائەتلەنگەن ، رازىمەن ، مەمنۇن ؛ خۇشال ، شاد ؛
- خۇرشىد — قۇياش ، كۈن ، ئاپتاپ؛ [خۇرشىد سىما --- قۇياش يۈزلۈك، گۈزەل]؛
- خۇرشىد خاۋەر — شەرق قۇياشى.
- خۇرشىد رەنگ — پارلاق ، پارقىراق ، جۇلالىق؛
- خۇرشىد ساي — يۈكسەك ، ئېگىز ، يۇقارى؛
- خۇرشىد سىما — قۇياش يۈزلۈك ، گۈزەل ، چىرايلىق؛
- خۇرشىد فام — قۇياش رەڭ ، پارلاق ، تاۋلانغان ، نۇرلۇق ، جۇلالىق؛
- خۇرشىدراي — ئوچۇق پىكىرلىك ، ئۆتكۈر پىكىرلىك؛
- خۇرشىدۋار/خۇرشىدۋەش — قۇياشتەك ، قۇياشقا ئوخشاش؛
- خۇرما — مىۋە تۈرى؛
- خۇرۇج — چىقىم ؛ چىقىپ كېتىش ، تاشقىرى چىقىش ، ئايرىلىش؛ كۆچمە مەناسى: قارشى چىقىش، ئىسيان كۆتۈرۈش؛ [خۇرۇج ئەتمەك، خۇرۇج ئەيلەمەك
- خۇرۇچ — خام ئەشيا؛ ماتىرىيال.
- خۇرۇش — قىچقىرىش ، ۋارقىراش ، ھۆركىرەش ؛ پەرياد ، شاۋقۇن، غەۋغا؛ كۆچمە مەناسى: قايناش، ھاياجان؛ [خۇرۇش ئەتمەك، خۇرۇش ئەيلەمەك --
- خۇرۇشان — ۋارقىرىغۇچى ، گۈركىرىگۈچى، سۈرەن - شاۋقۇن كۆتۈرگۈچى، داد - پەريات قىلغۇچى؛ كۆچمە مەناسى: قاينىغان ، ھاياجانلانغان]؛
- خۇزاب — رەڭ ، بوياق؛ قول ياكى چاچ - ساقالنى بوياش؛ [خۇزاب ئولسۇن --- بويالسۇن]؛
- خۇزرا — خەزرائ؛
- خۇسر/خۇسران — زەرەر ، زىيان؛
- خۇسرانزەدە — زىيان تارتقان، زەئىپ ، يىقىلغان؛
- خۇسرانزەدەلىق — زىيان تارتقانلىق، زەئىپلىك؛
- خۇسرەۋ — پادىشاھ ، ھۆكۈمدار؛ [تازە خۇسرەۋ --- يېڭى پادىشاھ]؛
- خۇسرەۋ ئايىن — پادىشاھقا مۇناسىپ، شاھانە؛
- خۇسرەۋ نىشان — پادىشاھدەك ، پادىشاھقا ئوخشاش؛