لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خۇداداد — ئاللاھ بەرگەن ، خۇدا ئاتا قىلغان ، تۇغما ، تەبىئىي؛
- خۇداۋەند — ئىگە ، ئىگىلىك قىلغۇچى ، خوجايىن ، ھاكىم ، ھۆكۈمران؛ خۇدا، تەڭرى؛
- خۇداۋەندلىغ — تەڭرىلىك، خۇدالىق ، ئىگىلىك ، خوجايىنلىق ، پادىشاھلىق؛
- خۇدبىن — ئۆزۈمچى ، تەكەببۇر ، شەخسىيەتچى؛ ئۆز مەنپەئەتىنىلا سۆزلەيدىغان كىشى؛
- خۇدبىنلىق/ خۇدپەرەستلىك — ئۆزۈمچىلىك ، شەخسىيەتچىلىك ، تەكەببۇرلۇق؛
- خۇدپەسەند/ خۇدپىسەند — ئۆزىگە تەمەننا قويغۇچى ، ئۆزۈمچى ، تەكەببۇر؛
- خۇددام — ؛«خادىم»نىڭ كۆپلۈكى : خادىملار؛
- خۇدراي — ئۆز بېشىمچى ، ئۆز گېپىنى يورغىلاتقۇچى، بىلەرمەنلىك قىلغۇچى، تەرسا؛
- خۇدرايلىق — ئۆز بېشىمچىلىق ؛ ئۆز گېپىنى يورغىتىلىش ، بىلەرمەنلىك؛ تەرسالىق؛
- خۇدرەنگ — بويالمىغان، ئەسلىي رەڭگىدىكى؛
- خۇدرو/ خۇدروي — ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن ، ياۋايى؛ [گۈلى خۇدرو --- ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن گۈل ، ياۋاگۈل]؛
- خۇدسىتا/ خۇدسىتاي — ماختانچاق، لاپچى، پوچى؛
- خۇدسىتالىغ — ھەممەنى ئۆز ئالدىغا تارتىۋېلىش ، ئۆزىنى ئۆزى ماختاش ،ماختانچاقلىق، پوچىلىق؛
- خۇدشكەن — كەمتەر ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقۇچى؛ ئۆزىنى كەمسىتكۈچى؛
- خۇدقۇرۇش — ئۆزىنى بازارغا سالغۇچى ، ماختانچاق، لاپچى؛
- خۇدنەما/ خۇدنەماي — شۆھرەتپەرەس ، ماختانچاق ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق؛مەنمەنچى؛
- خۇدنەمالىغ — شۆھرەتپەرەسلىك ، ماختانچاقلىق؛
- خۇر — قۇياش ، كۈن ، ئاپتاپ ؛ شەرق؛
- خۇراپاتلىق — خۇراپاتلىق-- پەننىي ۋە دىننىي ئاساسىي بولمىغان ئىش-ھەرىكەت ۋە كۆز-قاراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممەسى خۇراپاتلىق؛
- خۇرافات — ئويدۇرما ، ئاساسسىز سۆزلەر ، تېگى يوق گەپلەر ، خۇراپات؛
- خۇردە — ئۇششاق ، پارچە ، كىچىك ، پارچە - پۇرات، ئەرزىمەس ،ئۇۋاق ، زەررە ؛ گۈل زەررىلىرى؛ كۆچمە مەناسى: ئالتۇن ؛
- خۇردەئى راز — يوشۇرۇن سىر ، ئىچكى سىر؛
- خۇردەبىن — ئۇششاق نەرسەلەرنى كۆرەلەيدىغان ، ئۆتكۈر ، زېرەك، نازۇكپەم ، سىنچىلاپ كۆزەتكۈچى؛
- خۇردەدان — ئىنچىكە پەملىك؛ زېرەك.