لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خەستەدىل — قەلبى يارا ، دەردمەن؛
- خەستەۋار — كېسەلدەك ، كېسەلگە ئوخشاش ، كېسەل چىراي؛
- خەسخانە — چەللە؛
- خەسسىي — پىچىلغان ، ئاختا؛ [خەسسىي قىلماق --- ئاختىلىماق ،پىچىۋەتمەك]؛
- خەسكەن — قۇرۇپ قالغان ئوت - چۆپلەرنى توپلىغۇچى؛
- خەسم — دۈشمەن ، رەقىب ، قارشى تەرەپ ، مۇقابىل ، مۇخالىپ؛
- خەسملىق — دۈشمەنلىك؛
- خەسىس — پىخسىق ، بېخىل ؛ پەس ، پەسكەش ، شەرمەندە؛
- خەسىم — رەقىب ، دۈشمەن ؛ مۇخالىپ؛
- خەش — ؛«خوش» سۆزىنىڭ ۋەزىن ۋە قاپىيە ئېھتىياجى بىلەن ئېيتىلىشى؛
- خەشخاش — كۆكنار ئۆسۈملۈكى، كۆكنار ئۇرۇقى؛
- خەشم — ئاچچىق ، غەزەپ ، ئاچچىقلاش؛ [يولبارس خەشم --- يولۋاستەك غەزەپلىك]؛
- خەشمناك — ئاچچىقلانغان ، غەزەپلىك؛
- خەشىن — قوپال ، ئوڭغۇل - دوڭغۇل ؛ ياۋا ، توسۇن ، ئۆگىتىلمىگەن؛
- خەفائ — يوشۇرۇنلۇق ، مەخپىيلىك؛ [خەفائ ئەيلەمەك --- يوشۇرماق ،مەخپىي تۇتماق]؛
- خەفەقان — يۈرەك سېلىش كېسەلى؛
- خەفىفى مەخبۇل — ئارۇز ۋەزندىكى «فائىلاتۇن ، مەقائىلۇن ، فەئلون» ۋەزنى؛
- خەفىفى مۇسەددەسى سالىم — ئارۇز ۋەزندىكى «فائىلاتۇن ،مۇستەفئىلۇن، فائىلاتۇن» ۋەزنى؛
- خەفىق — يەڭگىل.
- خەفىي — مەخپىي ، يوشۇرۇن؛
- خەلئ — ۋەزىپەدىن ئالىپ تاشلاش، بىكار قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئېلىۋېتىش، بۇزۇۋېتىش؛ [خەلئ قىلماق --- ئورنىدىن چۈشۈرمەك]؛
- خەلا — خالىي جاي، بوشلۇق، بوش جاي، ھېچكىم يوق، خىلۋەت جاي؛
- خەلائۇ مەلائ — مەخپىي ۋە ئاشكارا؛
- خەلائىق — ؛«خەلىقە»نىڭ كۆپلۈكى : مەۋجۇدات ، تەبىئەت ؛ كۆچمە مەناسى: خەلقلەر،ئادەملەر؛