لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خەرىف — ؛1) گالۋاڭ ، قېرىپ كاللىسى گاللاشقان؛ 2) كۈز ، كۈز پەسلى ، غازاڭ پەسلى؛
- خەرىفىي — كۈزلۈك ، كۈزگى؛
- خەزائىن/ خەزايىن — ؛«خەزىنە» كۆپلۈكى: خەزىنىلەر ، ئامبارلار؛
- خەزان — كۈز ، كۈز پەسلى ، دەرەخنىڭ كۈزدە سارغىيىپ تۆكۈلىدىغان بەرگى، غازاڭ؛ [خەزان يەتمەك --- كۈز پەسلى كەلمەك]؛ [بارى خەزان ---
- خەزانە — خەزىنە؛
- خەزانەئى خاس — پادىشاھنىڭ خۇسۇسىي خەزىنەسى؛
- خەزانەسەنج — خەزىنە ئىگەسى ، خەزىنىچى؛
- خەزانىي — سېرىق رەڭلىك ؛ سارغايغان ، كۈز پەسلىگە مەنسۇپ؛ [خەزانىي ئەيلەمەك --- سارغايتماق]؛ [خەزانىي باغ --- غازاڭ بولىغان باغ]؛ [
- خەزەر — [ دەريايى خەزەر --- كاسپى دېڭىزى]؛
- خەزەف — ساپال ، ساپال بۇيۇملار؛
- خەزرا — يېشىل.
- خەزرائ — يېشىل ، كۆكۈش ، چىمەن؛ [چەرخى خەزرائ، سىپىھرى خەزرائ --- كۆك ئاسمان]؛ [خەزرائ رەڭ --- يېشىل رەڭ]؛
- خەزز — يىپەك رەخت ، شايى ، ئەتلەس؛
- خەزنە(خەزىنە)؛ — پۇل ۋە قىممەت باھالىق نەرسەلەر قويۇلىدىغان ۋە ساقلىنىدىغان مەخسۇس ئورۇن؛ دەۋلەت مالىيەسى؛
- خەزنىدار — غەزىنە باشلىقى؛
- خەزىنە، مالىيە ۋازارەتى — Treasury(ئىسىم)--كۆپ خىل مەنادا ئىشلىتىلىپ، ئاساسەن دەۋلەت ياكى تەشكىلاتنىڭ پۇل ۋە بايلىقلىرىنى باشقۇرىدىغان بۆلۈم، مالى
- خەزىنەدار — خەزىنىچى ، خەزىنە ساقلىغۇچى؛
- خەس — قۇرۇق شاخ؛ پاخال ؛ قۇرۇق ئوت - چۆپ؛
- خەسائىس/ خەسايىس — ؛«خاسسىييەت» نىڭ كۆپلۈكى : خۇسۇسىيەتلەر ، مەخسۇس سۈپەتلەر؛
- خەسائىل/ خەسايىل — ؛«خىسلەت»نىڭ كۆپلۈكى : خىسلەتلەر؛
- خەسارەت — زىيان، زەرەر ، ئۇپراش؛ [بىخەسارەت --- زىيانسىز ، زەرەرسىز]؛
- خەساسەت — نامراتلىق ، يوقسۇزلۇق؛
- خەستە — چارچىغان ، ھالسىزلانغان ، يارىدار ، جاراھەتلەنگەن ؛ ئاغرىق ، ساقسىز، ھەسرەتلىك؛
- خەستەخانا — شىپاخانا؛ دوختۇرخانا.