لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خەلاب — لاي ، پاتقاق ، پاسكىنا؛
- خەلاس — قۇتۇلۇش ، ئازاد بولۇش ، تۈگەش ، تاماملىنىش؛
- خەلە — سانجىق ، قىيناق ، قىيىن - قىستاق؛
- خەلەج — تۈركىي تىللىق قەبىلىلەردىن بىرىنىڭ نامى (بۇ قەبىلە كىشىلىرى تولىمۇ ھۆسنلىك دەپ تەرىپلىنىدۇ)؛
- خەلەف — كەينىدىن كېلىدىغان ، ئورنىغا دەسسەيدىغان ئورۇنباسار ، ئەۋلاد ،ئىزباسار؛ [دۇررى خەلەف --- پەرزەنت؛ مۇناسىپ ، ئىسمى جىسمىغ
- خەلەق — يىرتىق ، تىتىلغان ، يىرتىق كىيىم؛
- خەلەل — نۇقسان ، كەمچىلىك ، زەرەر ، بۇزۇلۇش؛ [خەلەل يەتمەك، خەلەل تاپماق --- نۇقسان يەتمەك ، بۇزۇلماق]؛ [خەلەل كۆرگۈزمەك، خەلەل
- خەلەلىق — سانجىق تۇتۇپ ئاغرىغانلىق ، سانجىپ ئاغرىش؛
- خەلەۋات — ؛«خەلۋەت»نىڭ كۆپلۈكى: خىلۋەتلەر ، بوش - بىكار جايلار؛
- خەلپەت — دىنىي مەكتەپلەردە سىنىپ باشلىقى ياكى ئۆگىنىش باشلىقى؛
- خەلپۈگۈچ — كىتابنىڭ ئوقۇپ كەلگەن بېتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن قىستۇرۇپ قويۇلىدىغان قەغەز ياكى لېنتا.
- خەلخال — ئاياغقا تاقىلىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈش ھالقا ، پۇت ھالقاسى؛
- خەلق — يارىتىش ؛ يارىتىلمىش ، ئەسلىي ماھىيەت ؛ ئادەملەر ، خەلق ، ئىنسانىيەت؛ [خەلق ئەيلەمەك، خەلق ئەتمەك، خەلق قىلماق --- يارات
- خەلق ئەدەبىياتى — Folk Literature(ئىسىم)--خەلق ئارىسىدا ئېغىز ئارقالىق ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارقىتىلىپ كەلگەن، يېزىلىش ئەنئەنەسى بولماي بەلك
- خەللاق — ياراتقۇچى ، خەلق ئەتكۈچى؛ [خەللاقۇلمەئانى --- مەنىلەر ياراتقۇچى]؛ [خەللاقى كائىنات --- ئالەمنى ياراتقۇچى ، ئاللاھ]؛
- خەللەدەھۇ — ئۇنى مەڭگۈلۈك قىلسۇن؛ [خەللەدەھۇ مۇلكەھۇ ۋە ئەببەدە دەۋلەتەھۇ --- ئاللاھ ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ، دەۋلەتىنى ئەبەدىيلىك قىلغ
- خەلۋەت — خىلۋەت جاي ، جىمىجىت ماكان ، چەت يەر ، ئادەم يوق يەر،بوش - بىكار جاي ؛ مەخپىي ئۆي ، ياتاقخانا؛
- خەلۋەتخانە — يالغۇزلۇق ئۆي ، خالىي ئۆي ؛ مەخپىيەت ئۆي ، ياتاقخانا؛[خەلۋەتخانە=خەلۋەتسەرا/ خەلۋەتسەراي]؛
- خەلۋەتگاھ/ خەلۋەتگەھ — خىلۋەت ماكان ، خالىي يەر ، چەت جاي ، خالىي ئۆي ،يالغۇزلۇق ئۆيى ؛ مەخپىيەت ئۆيى؛ ياتاقخانا؛
- خەلۋەتگۇزىن — خەلۋەتنى ئىختىيار قىلغۇچى ، يالغۇز يۈرۈشنى خالىغۇچى؛
- خەلۋەتنەشىن — خالىي جايدا يۈرگۈچى ، خىلۋەت ماكاندا تۇرغۇچى؛ يالغۇز يۈرگۈچى، خەققە ئارىلاشمايدىغان؛
- خەلۋەتنەشىنلىق — يالغۇز ياشاش ، يالغۇز يۈرۈش ، خەققە ئارىلاشماسلىق؛
- خەلىپە — پادىشاھدىن ئۇلۇغراق ئۇنۋان؛
- خەلىفە — خەلىپە ، ئورۇنباسار ؛ ۋاكالەتچى ، ۋەكىل ، ياردەمچى؛