لۇغەتنى كۆرۈش: ج
- جىرم — گەۋدە ، ۋۇجۇت، تەن ، جىسىم؛ [قۇياش جىرم --- قۇياش گەۋدىسى ، قۇياش]؛
- جىرمى سەماۋىي — ئاسمان؛
- جىرمى ھىلال — ئاي گەۋدىسى؛
- جىرۇتما — تار ، خەتەرلىك يول؛
- جىرىب — جەرىب ؛
- جىرىلداماق — ۋارقىرىماق ، توۋلىماق ، ئاچچىقلىنىپ ئۆڭۈپ گەپ قىلماق؛
- جىرىم — غايەت زور ، كېلەڭسىز ، زور گەۋدىلىك؛
- جىزائ — ؛«جىزيە»نىڭ كۆپلۈكى : جىزيە؛
- جىزيە — مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە ياشىغۇچى باشقا دىندىكى كىشىلەردىن جان بېشىغا ئېلىنىدىغان باج؛
- جىسەكچى — كېچىدە كوچا تازىلىغۇچى.
- جىسما(جىما)؛ — جۈپلەشمەك؛ جىنسى مۇناسىۋەت؛
- جىسمانىي — بەدەنگە مەنسۇپ ، گەۋدىگە تېگىشلىك ، ماددىي ، مەلۇم شەكىلگە ئىگە؛
- جىسمانىي/ فىزىكالىق — Physical(ئىسىم/سۈپەت)--ئۈچ ئاساسىي مەنانى بىلدۈرىدۇ. سۈپەت بولۇپ ئىشلەتكەندە: (1) تەن، بەدەن، جىسىمغا مۇناسىۋەتلىك، جىسم
- جىسمانىييەت — جىسمانىيلىق، جىسمانىي نەرسە، ماددىي نەرسەلەر؛
- جىسمى ئوريان — يالىڭاچ بەدەن؛
- جىسمى غەم ئەفسۇردە — غەم بىلەن كاردىن چىققان گەۋدە؛
- جىسىم — جىسىم ؛ بەدەن ، ماددا؛ [جىسىم مۈلكى --- پۈتۈن بەدەن ، ئەزايى بەدەن]؛ [جىسىم ئۆيى --- بەدەن تۈزۈلۈشى ، تەن تۈزۈلۈشى]؛
- جىغ — ؛[فەريادۇ جىغ --- پەرياد ۋە پىغان]؛
- جىغان — ھېچنەرسەسى يوق ، كەمبەغەل؛
- جىك — يېقىمسىز ، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان ، ئاسان سىڭمەيدىغان؛
- جىگەر — ئادەم بەدەن ئەزالىرى؛
- جىگەر پارە — ئامراق پەرزەنت؛
- جىگەربەند — ئۈچەي ، باغىر ، ئىچكى ئەزا ؛ ئامراق پەرزەنت؛
- جىگەرتاب — جىگەرنى ئۆرتىگۈچى؛