جىسمانىي/ فىزىكالىق

مەنىسى

Physical(ئىسىم/سۈپەت)--ئۈچ ئاساسىي مەنانى بىلدۈرىدۇ. سۈپەت بولۇپ ئىشلەتكەندە: (1) تەن، بەدەن، جىسىمغا مۇناسىۋەتلىك، جىسمانىي؛ (2) ماددىغا، فىزىكا ئىلمىغا مۇناسىۋەتلىك؛ (3) كۆرۈشكە، تۇتۇشقا بولىدىغان، ماتېرىياللىق. ئىسىم بولۇپ ئىشلەتكەندە تېببىي مۇئاينە (medical examination)؛ ["جىسمانىي پائالىيەت" (physical activity)، "بەدەن ساغلاملىقى" (physical health)، "فىزىكا قانۇنلىرى" (physical laws)، "تېببىي تەكشۈرۈش" (physical examination)، "جىسمانىي ئازاب" (physical pain)، "ماددىي دۇنيا" (physical world) دېگەندەك ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆز تېبابەتتە، سپورت، فىزىكا ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلىپ، تەن ۋە ماددا بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسەلەرنى ئىپادەلەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ رەۋىش شەكلى "Physically" (جىسمانىي جەھەتتە) بولىدۇ. ئانتونىمى: "Mental" (روھىي) بولىدۇ؛

ئىنگلىزچە
Physical
تۈركچە
Fiziksel/bedensel
خەنزۇچە
身体的/物理的

لۇغەتنى كۆرۈش