لۇغەتنى كۆرۈش: ج
- جىگەرخار — قىينىغۇچى ، ئازابلىغۇچى؛
- جىگەرخارلىق — ئازابلىغۇچىلىق ، قىينىغۇچىلىق؛
- جىگەرخۇن — باغرى قان ، ھەددىدىن زىيادە غەم - قايغۇ چەككۈچى، ئازاب ئىچىدە قالغان، قاتتىق قىينالغان؛
- جىگەرسوز — غەمخور ، غەمخورلۇق قىلغۇچى ؛ قاتتىق ئازابلىغۇچى ، قىينىغۇچى؛
- جىگەرگاھ — جىگەر ئورۇنلاشقان جاي ، ئوڭ بېقىن؛
- جىگەرگوشە — ئەڭ سۆيۈملۈك كىشى ، يېقىن كىشى ، تۇغقان، پەرزەنت؛
- جىگەرگۇن/جىگەرگۈنە — جىگەر رەڭ، بېغىر رەڭ؛
- جىگدە — مىۋە تۈرى؛
- جىڭراتقۇ — قوڭغۇراق
- جىلا — جەلائ؛
- جىلاۋ/جىلەۋ — ئالد، ئالدى تەرەپ ؛ تىزگىن ، يۈگەن تىزگىنى؛ [جىلاۋ قايتارماق --- تىزگىن تارتماق، تىزگىن تارتىپ بۇرۇلماق؛
- جىلاۋدار — ھۆكۈمدار ئاتلىق ماڭغاندا، ئاتنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ ماڭغۇچى، ئات يېنىدا ماڭغۇچى، يېنىدا ماڭغۇچى؛
- جىلاۋرىز — تىزگىنىنى قويۇۋەتكەن ھالدا ، ئاتنى بولۇشىغا چاپتۇرۇپ؛
- جىلاۋسىز — تىزگىنسىز ، رەتسىز ، قالايمىقان؛
- جىلاۋلۇق — تىزگىنلىك ؛ رەتلىك؛
- جىلد — تېرە ، پوست ، تاش ؛ مۇقاۋا ؛ توم ، قىسىم؛
- جىلۋە — پارقىراش ؛ جىلۋە ، ئۆزىنى كۆرسىتىش ؛ ئۆزىنى گۈزەل كۆرسىتىش،ناز - كەرەشمە قىلىش،ئۆزىنى گۈزەل كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش؛ [جىلۋە ئ
- جىلۋە نەماي — جىلۋە كۆرسەتكۈچى، جىلۋە قىلغۇچى؛
- جىلۋەدە — جىلۋىلىك، يالتىراپ تۇرىدىغان؛
- جىلۋەساز — جىلۋىلىنىدىغان، پارقىراپ كۆرۈنىدىغان گۈزەل، كۆركەم ، يالتىراپ تۇرىدىغان؛ [جىلۋەساز بولماق --- خۇش كۆرۈنمەك ، جىلۋە بىلەن
- جىلۋەگاھ — نۇر ماكانى ، جىلۋە ماكانى ، نۇرلىنىپ تۇرىدىغان يەر؛
- جىلۋەگەر — جىلۋە قىلغۇچى ، جىلۋە بىلەن كۆرۈنگۈچى، ئۆزىنى گۈزەل كۆرسەتكۈچى؛
- جىلۋەگۈستەر — جىلۋە كۆرسەتكۈچى، جىلۋە قىلغۇچى؛
- جىلى — سىرتماق ، توزاق ؛ چېتىق ، مەھبۇسلارنى پۇتىدىن ياكى بوينىدىن بىر -بىرىگە چېتىپ قويىدىغان زەنجىر؛