لۇغەتنى كۆرۈش: ج
- جۇرۇم — ؛«جۇرم»نىڭ كۆپلۈكى : جىنايەتلەر ، گۇناھلار؛
- جۇرۇھ — ؛«جۇرھ»نىڭ كۆپلۈكى : جاراھەتلەر ، يارىلار؛
- جۇز — باشقا، ئۆزگە ، ئايرىم ، بۆلەك؛ [يوقتۇرۇر جۇز تىيرەلىك --- قاراڭغۇلۇقتىن باشقا نەرسە يوقتۇر]؛
- جۇزئ/جۇزۋىي — بۆلەك ، قىسىم ، پارچە ، ئازغىنا ، ئازلا؛ [ جۇزئ فەرد --- بىر بۆلەك، بىرلا گەۋدە ،پارچىلانماس؛ [جۇزئ لايەتەجەززە --- ئاير
- جۇزئى — پارچە؛ بۆلەك؛ ئايرىم.
- جۇزئىي — قىسمەن ، ئازغىنا ، بىرئاز ، ئەرزىمەس، كىچىك؛
- جۇزئىييات — بۆلەك - بۆلەك مەسىلىلەر ، تەپسىلاتلار ، ئىنچىكە تەرەپلەر؛ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار، ئەرزىمەس نەرسەلەر ؛ شېئىر، ئۆلچەملىك سۆ
- جۇزدان — ھۆججەت ۋە باشقا نەرسەلەرنى سالىدىغان،ھەجمىگە قاراپ قولدا ئالىپ يۈرىدىغان ياكى يانچۇققا سالىدىغان قاپچۇق.
- جۇززام — ماخاۋ (موخۇ) دەپ ئاتىلىدىغان كېسەللىك.
- جۇزۋ — جۈزئ ؛ [جۇزۋ ئولماق --- پۈتۈننىڭ بىر قىسمى بولماق،بىرىكىپ كەتمەك]؛
- جۇزۋات — ؛«جۇزۋە»نىڭ كۆپلۈكى: رىسالىلەر ، كىتابچىلار ، ۋاراقلار؛
- جۇزۋە — رىسالە ، كىتابچە ، خەت يېزىلغان ۋاراق؛
- جۇزۋەجۇزۇ — پارچە - پارچە، ئايرىم - ئايرىم ، باشقا - باشقا؛
- جۇزۋدان/جۇزۋەدان — تېرىدىن ياسالغان قەغەز ۋە باشقا خەت - چەكلەر سېلىنىدىغان كىچىك چەم بوقچا؛
- جۇسەس — ؛«جۇسسە»نىڭ كۆپلۈكى: تەنلەر ، گەۋدىلەر، بەدەنلەر،جەسەتلەر؛
- جۇستۇجو — ئاختۇرۇش ، ئىزدەش ، تەكشۈرۈش؛ (جۇستۇجو = جۇستۇجوي = جۇستجو )؛
- جۇسسە — بەدەن ، گەۋدە ، تەن ؛
- جۇش — قايناش ، غۇلغۇلا ، غەۋغا ، توپىلاڭ ، كۆتۈرۈلۈش ، دولقۇن؛ [جوش سالماق --- غۇلغۇلا سالماق ، غەۋغا (توپىلاڭ ) قوزغىماق؛ [جو
- جۇشتۇجۇ — ئىزلەش ؛ ئاختۇرۇش.
- جۇشقۇن — قاينىغان؛ دولقۇنلىغان؛ كۆتىرىلگەن.
- جۇغۇللۇق — غەۋغا، مالىمانچىلىق؛
- جۇڭگو — جۇڭگو شەرقىي ئاسىيادا جايلاشقان دەۋلەت، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دەۋلەتلەرنىڭ بىرى ۋە يۈز ئۆلچەمى بويىچە ئۈچىنچى چوڭ دەۋ
- جۇل — ئات يوپۇقى ، توقۇم ؛ تېرە ؛
- جۇلا — جەلائ؛