لۇغەتنى كۆرۈش: ج
- جۇلا(جىلا)؛ — نۇر؛ پارقىراق؛پارلاقلىق
- جۇلالىق، جۇلا قىلىش — Glow(پېئىل/ئىسىم)-- پېئىل شەكلىدە يۇمشاق، يالتىراق نۇر چىقىرىش، پارقىراش؛ قىزىرىش (يۈز)؛ ئېنېرگىيە، خۇشاللىق بىلەن تولغا
- جۇلدۇ — جەلدۇ؛
- جۇلغىماق — ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ ئەتىيازدا كونا يۇڭ ياكى تۈكلەرنى تاشلاپ،يېڭى يۇڭ ياكى تۈكلەرنى چىقىرىش؛
- جۇللاب — گۈل شىرنىسى بىلەن ھەسەل ياكى شېكەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ ياسالغان شەربەت، گۇلاب؛
- جۇلۇد — ؛«جىلد»نىڭ كۆپلۈكى: تېرىلەر ، قوۋزاقلار ، مۇقاۋىلار؛
- جۇلۇس — ؛1) ئولتۇرۇش ، ئورۇن ئېلىش ؛ ئولتۇرغان ، ئورۇن ئالغان؛ 2)«جەلسە»نىڭ كۆپلۈكى: مەجلىسلەر، يىغىنلار ، ئولتۇرۇشلار؛
- جۇمادىسسانى/جۇمادىلئاخىر — ھىجرىيە يىلى ھېسابىدا ئالتىنچى ئاينىڭ نامى؛
- جۇمان — مەرۋايىت ، ياقۇت؛
- جۇنبىش — ھەرىكەت ، قىمىرلاش ، چايقىلىش ، تەۋرەش ، داۋالغۇش ؛ قوزغىلاڭ؛
- جۇنبىش نەماي — ھەرىكەت قىلغۇچى ، قوزغالغۇچى؛
- جۇنگ — ؛1) چوڭ كېمە ؛ تۆگە؛ 2)ھەرخىل شېئىرلار يېزىپ قويۇلىدىغان دەپتەر؛ تاللانما ئەسەرلەر توپلامى، تەرمىلەر؛
- جۇنۇپ — جىمادىن كېيىن يۇيۇنماي يۈرۈش؛ پاسكىنلىق؛
- جۇنۇن — ساراڭلىق ، ئەقلىدىن ئازغانلىق ، سەۋدايىلىق؛ [جۇنۇن تەئۋىزى --- ساراڭلىققا شاھىت تۇمار، سەۋدايىلىق تۇمارى]؛ [جۇنۇن قەيدىگ
- جۇنۇنلۇق — ساراڭلىقى بار . ساراڭ ، سەۋدايى؛
- جۇھد — قابىلىيەت ؛
- جۇھھال — ؛«جاھىل»نىڭ كۆپلۈكى: نادانلار، بىلىمسىزلەر؛
- جۇۋا — 1)كونا جەمئىيەتتە ئاشلىق بازىرى؛ 2)ئىچىگە تېرە ئىلىپ تىكىلگەن چوڭ ۋە قىشللىق پەلتو.
- جۇۋال — چوڭ قاپ ، تاغار؛
- جۇۋالدۇز — تاغار تىكىدىغان ئادەم ؛ تاغار تىكىدىغان يىڭنە ؛ جۇۋالدۇرۇز؛
- جۇۋالگەر — تاغار توقۇغۇچى ، قاپ تىككۈچى؛
- جۇۋان — يىگىت؛ ياشلىق؛ قېنى تېشىپ تۇرغان؛ [نەۋجۇۋان --- ياش يىگىت]؛
- جۇۋانبەخت — بەختىيار ، بەختلىك ، كېلەچىكى پارلاق؛
- جۇۋانغار — ئەسكىرى قوشۇننىڭ سول قانىتى ، سول قانات قىسىم؛