لۇغەتنى كۆرۈش: ج
- جولدۇ — جەلدو؛
- جوي — ؛1) ئېرىق؛ [جويبەجوي --- ئېرىقتىن ئېرىققا؛ [تۇرفەجوي --- ئاجايىپ ئېرىق]؛ 2)سۆز بىرىكمەسىدە «ئىزدىگۈچى ، ئاختۇرغۇچى» مەنا
- جويان — ئىزدىگۈچى ، ئىزدەنگۈچى؛ سۈرۈشتۈرگۈچى؛ (جويا = جويان = جويانە)
- جويە — كىچىك ئېرىق؛
- جويەندە — ئاختۇرغۇچى ، ئىزدىگۈچى ، تەلەپ قىلغۇچى ، ئىزدەنگۈچى؛
- جويەندەلىغ — ئاختۇرۇش ، ئىزدەش ، تەلەپ قىلىش ، ئىزدىنىش؛
- جويبار — دەريا ، ساي ، ئۆستەڭ ، دەريا بويى؛ [ لەتافەت جويبار --- گۈزەللىك ، لەتىپلىك]؛
- جويچە — ئېرىقچە ، كىچىك ئېرىق؛
- جۇئ — ئاچلىق ، ئىشتىھا؛
- جۇئەل — قارا قوڭغۇز ، تېزەكچى قوڭغۇز؛
- جۇببە — ھەشەمەتلىك ، ئۇزۇن ، كەڭ ھەم يەڭگىل بىر خىل تون ؛ شەيخلارنىڭ مەخسۇس تونى؛ساۋۇت؛ كىيىم ئۈستىدىكى تون؛ [جۇببە يۇدەستار ---
- جۇببەئى سىنجاپ — قىزىل تۈلكە تېرەسىدىن تىكىلگەن جۇۋا؛
- جۇد — ئىنئام ، ئېھسان ، سېخىيلىق ، قولى ئوچۇقلۇق؛ [بافەرۇجۇدا --- شانۇ - شەۋكەتلىك ۋە ساخاۋەتلىك]؛
- جۇدا — ئايرىلغان ، يېتىم قالغان؛
- جۇدىلئەۋۋەل — ھىجرىيە يىلى ھېسابىدا بەشىنچى ئاينىڭ نامى؛
- جۇدىي — ئوغلاق ؛ تۆمۈر قوزۇق يۇلتۇزى؛
- جۇرئە — يۇتۇم؛ قۇلتۇم.
- جۇرم — گۇناھ ، جىنايەت؛ ئەيىپ؛ [جۇرم ئەيلەمەك --- گۇناھ قىلماق]؛ [جۇرم ئەھلى --- گۇناھكار،جىنايەتچىلەر]؛
- جۇرمانە — جەرىمانە، جازا بېرىش ، پۇل پىچىپ جازالاش؛
- جۇرمپۇش — ئەيىبىگە چاپان ياپقۇچى ، گۇناھىنى يوشۇرغۇچى؛
- جۇرمسىز — بىگۇناھ ، گۇناھسىز؛
- جۇرمشوي — گۇناھىدىن ئۆتكۈچى ، ئەپۇ قىلغۇچى ؛ كەچۈرگۈچى،گۇناھىنى يۇغۇچى؛
- جۇرمۇئىسيان — جىنايەت ۋە ئىسيان، ئېغىر گۇناھكارلىق؛
- جۇرھ — يارا ، جاراھەت؛