لۇغەتنى كۆرۈش: ج
- جەۋر — جەبىر ، زۇلۇم؛ [جەۋرەندىش --- زۇلۇم قىلغۇچى ، زالىم]؛
- جەۋزا — كونا ئاسمانشۇناسلىق چۈشەنچەسى بويىچە ، قۇياشنىڭ ھەرىكەت دائىرەسىدىكى ئون ئىككى بۇرجنىڭ بىرى - قوشكېزەك بۇرجى (بۇ بۇرج قو
- جەۋزەھر — كونا ئاسمانشۇناسلىق چۈشەنچەسى بويىچە ، ئاينىڭ ھەرىكەت يولى بىلەن قۇياش ھەرىكەت يولىنىڭ كېسىشكەن جايى؛ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز؛
- جەۋشەن — ساۋۇت ، زىرىھ (سىمدىن توقۇلغان بىر خىل ئۇرۇش كىيىمى )، تۆمۈر كىيىم؛
- جەۋشەنى زەركار — زەر بىلەن توقۇلغان جەۋشەن (ساۋۇت )؛
- جەۋف — بىر نەرسەنىڭ ئىچىدەكى بوشلۇق ، كاۋاك جاي؛ [فەلەك جەۋفى --- ئاسمان بوشلۇقى،كۆك]؛
- جەۋق — جامائەت ، كىشىلەر؛ كىشىلەر توپى؛ [جەۋق - جەۋق --- توپ - توپ ، گۇرۇھ - گۇرۇھ]؛
- جەۋلان — ئايلىنىش ، كېزىش ؛ ئۆزىنى ھەر تەرەپكە تاشلاپ ئويناش ، ئويناقلاش؛ [جەۋلان ئەيلەمەك، جەۋلان ئەتمەك، جەۋلان قىلماق --- ئايل
- جەۋلانگەھ — كېزىلىدىغان يەر ، مەيدان؛
- جەۋلەھە — توقۇغۇچى ، بۆزچى ، باپكار؛
- جەۋھەر — ئېسىل تاش ، قىممەتلىك تاش ، جەۋھەر ، ئەسلىي ماددا ، نەرسەنىڭ تۈپ ئۆزىكى،ماھىيەت؛ يالتىراقلىق ، جۇلا؛ تۈپ نېگىزى؛
- جەۋھەر فۇرۇش — گۆھەر ساتقۇچى؛ قىممەت باھالىق ئېسىل تاشلار سودىگىرى؛
- جەۋھەردار — پارقىراپ تۇرىدىغان ، جۇلالىق ، جىلۋىلىك ، پارقىراق؛
- جەۋھەرى فەرد — يېگانە جەۋھەر، ئەسلىي زات؛
- جەۋھەرىي — گۆھەر سودىگىرى، قىممەت باھالىق تاشلار ساتقۇچى؛گۆھەرشۇناس، قىممەت باھالىق تاشلارنى تونۇيدىغان كىشى؛ گۆھەر ئۇستاسى؛
- جەيب — كىيىمنىڭ يانچۇقى ، چۆنتەك ، قويۇن ؛ كىيىمنىڭ ياقىسى ، كۆڭۈل ،دىل ، كۆڭۈلدىكى مۇددىئا؛ [جەۋھەرى جەيب --- كۆڭۈلنىڭ نازۇكلۇ
- جەيران — كىيىك ، جەرەن ، ئاھۇ؛
- جەيش — ئەسكەر ، قوشۇن ، لەشكەر ؛ گۇرۇھ ، توپ؛
- جەينەك — ئادەم بەدەن ئەزالىرى؛
- جەيھون — ئامور دەرياسى
- جەيھۇن — ئامۇ دەريانىڭ قەدىمقى نامى؛ [ جەيھۇن ئەتمەك، جەيھۇن قىلماق --- جەيھۇندەك ئاققۇزماق، كۆپ ئاققۇزماق(مەسىلەن ، كۆز يېشىنى )
- جوپۇرماق — يوپۇرماق؛
- جوشان — قايناپ تۇرغان ، قايناق ھالدىكى ، دولقۇنلىنىپ تۇرغان؛ [بەھرى جوشان --- دولقۇنلىنىپ تۇرغان دېڭىز، چايقىلىپ تۇرغان دېڭىز]؛
- جوشۇخۇرۇش — غەۋغا ، توپىلاڭ؛