لۇغەتنى كۆرۈش: ج
- جەھرەن — ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا، ئۈنلۈك توۋلاپ؛
- جەھل — نادانلىق ، بىلىمسىزلىك ، ئاچچىقلاش؛ [جەھل ئەتمەك --- نادانلىق قىلماق ، بىلىمسىزلىك قىلماق، ئاچچىقلىماق]؛
- جەھلىي — بىلىمسىز ، نادان ، دۆت ، ھاماقەت؛
- جەھۇل — ئىنتايىن نادان ، ئۆتۈپ كەتكەن بىلىمسىز ، دۆت؛
- جەھۇلەن — ئەخمەقلەرچە، نادانلىق قىلىپ ، نادانلارچە ، بىلىمسىزلىكتىن؛
- جەھىم — دوزاق ، جەھەننەم؛
- جەۋ — ئارپا ؛ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەمى قىلىپمۇ قوللىنىلغان : بىر ئېلىك= 6 جەۋ؛
- جەۋ بەجەۋ/جەۋ - جەۋ — ئاز - ئازدىن ، ئاستا - ئاستا ، بىرمۇبىر ، ئايرىم - ئايرىم ،سىنچىلاپ؛ [جەۋ بەجەۋ پەخش ئەيلەمەك --- بىر - بىرىدىن سىنچىلاپ
- جەۋاب — جاۋاب ؛ نەزىرە ، تەقلىد ، ئوخشاتما؛ [جەۋابىدا خامە سىنماق --- تەقلىدىدە (نەزىرە قىلىشتا) قەلەم ئاجىزلىق قىلماق؛
- جەۋاد — ئېھسانلىق، سېخى ، مەرد ، قولى ئوچۇق ، كەرەملىك؛
- جەۋارىھ — ؛«جارىھە»نىڭ كۆپلۈكى: بەدەن ئەزالىرى ؛ قول ، پۇت، تىل ۋەھاكازالار؛
- جەۋامىئ — ؛«جامىئ»نىڭ كۆپلۈكى : توپلىغۇچىلار ، جەملىگۈچىلەر؛
- جەۋامىئولكەلىم — چوڭقۇر مەنالىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى ، ئۆزى قىسقا، ئەمما مەناسى چوڭقۇر سۆز؛
- جەۋانبەخت — جۇۋان بەخت؛
- جەۋانىب — ؛«جانىب»نىڭ كۆپلۈكى : تەرەپلەر ، ياقلار ، ئەتراپ؛
- جەۋاھىر — ؛«جەۋھەر»نىڭ كۆپلۈكى : ئېسىل تاشلار ، گۆھەرلەر؛ [مەئادىن جەۋاھىرى --- مەدەنلەر جەۋھەرلىرى ، ئاجايىپ گۈزەل سۆزلەر]؛
- جەۋاھىر ئەفشان — گۆھەر چاچقۇچى؛ نۇر چاچقۇچى؛
- جەۋاھىرلىغ — گۆھەرلىرى بار ، ئېسىل تاشلارغا ئىگە ، ھەر خىل گۆھەرلىك؛
- جەۋاھىرى ئەشك — كۆز يېشى مۇنچاقلىرى؛
- جەۋاھىرى سەمىن — قىممەت باھا گۆھەرلەر؛
- جەۋاھىرى نەفايىس — نەپىس گۆھەرلەر ؛ ئەڭ تازا ئېسىل تاشلار؛چوڭقۇر مەنالىق سۆزلەر، ماھارەت بىلەن ئىشلىتىلگەن ئىبارىلەر؛
- جەۋەك — جىيەك ، ئارپا باشىقىغا ئوخشىتىپ ئىشلەنگەن كەشتە؛ [جەۋەك ئەتلەس --- ئارپا گۈللۈك ئەتلەس]؛
- جەۋد — قاتتىق يامغۇر ، يامغۇر؛
- جەۋدەت — ياخشىلىق ، نۇقسانسىزلىق ؛ ياخشى سۈپەت، سېخىيلىق؛