لۇغەتنى كۆرۈش: ج
- جەھان خىسرەۋ — جاھان پادىشاھى؛
- جەھانارا/جەھاناراي — جاھاننى بېزىگۈچى ، ئالەمنى گۈزەللەشتۈرگۈچى؛ [مېھرى جەھانارا --- جاھاننى بېزىگۈچى قۇياش]؛
- جەھانبان — جاھاننى ئىدارە قىلغۇچى ، ھۆكۈمران ، پادىشاھ؛
- جەھانبانلىغ — پادىشاھلىق، ھۆكۈمرانلىق؛ [جەھانبانلىغ ئايىنى --- پادىشاھلىق يوليورۇقى]؛
- جەھانبىن — جەھاننى كۆرسەتكۈچى ، ئۇزاقنى كۆرەلىگۈچى؛ [جامى جەھانبىن --- جاھاننى كۆرسىتىدىغان جام]؛
- جەھانپەناھ — جاھان ھامىيسى ، ئالەمنى ئۆز پاناھىغا ئالغان كىشى،پادىشاھ؛
- جەھانپەيما/جەھانپەيماي — جاھاننى كەزگۈچى ، جاھانكەزدى؛
- جەھانپەيمالىق — جاھان كەزگۈچىلىك ، جاھانكەشتىلىك؛
- جەھانتاب — جاھاننى يورۇتقۇچى، جاھاننى قىزدۇرغۇچى؛ [ماھى جەھانتاب --- جاھاننى يورۇتقۇچى ئاي؛ گۈزەل يار]؛
- جەھاندار — جاھاننى ئىگىلىگۈچى ، جاھان ھۆكۈمدارى ، جاھاننى ئىدارە قىلغۇچى، زور پادىشاھ، قۇدرەتلىك ، كۈچلۈك ؛ كۈن ئۆتكۈزگۈچى، جان باق
- جەھاندارليغ — جاھان ھۆكۈمدارلىقى ، زور قۇدرەت؛
- جەھانسوز — جاھاننى كۆيدۈرگۈچى؛ ئۆرتىگۈچى؛ [جەھانسوز ئەيلەمەك --- جاھاننى كۆيدۈرىدىغان،جاھاننى مالىمان قىلماق]؛
- جەھانكۇشاي — جاھاننى ئىستىلا قىلغۇچى، دۇنيانى بېسىۋالغۇچى،جاھاننى ئىشغال قىلغۇچى، زور پادىشاھ؛
- جەھانكۇشايلىق — جاھاننى ئىستىلا قىلىش ، زور پادىشاھلىق؛
- جەھانگەرد — جاھاننى كەزگۈچى ، جاھانكەزدى؛
- جەھانگىر — جاھاننى ئىگىلىگۈچى، دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچى ، دەۋلەتمەن؛
- جەھاننەما/جەھەننەماي — جاھاننى كۆرسەتكۈچى؛
- جەھەننەم — Hell(ئىسىم)--ئاساسلىق مەنادا دىنىي ئىنانچتا گۇناھكار كىشىلەر ئۆلۈشتىن كېيىن جازا تارتىدىغان دوزاق، جەھەننەم؛ مەجازلىق مە
- جەھەننەمىي — دوزىقىي، دوزاققا كىرىشكە تېگىشلىك ئادەم؛
- جەھد — ؛1) تىرىشىش ، غەيرەت قىلىش ، ئەستايىدىل ھەرىكەت قىلىش ، ئۇرۇنۇش؛ [جەھد ئەيلەمەك ، جەھد ئەتمەك ، جەھد قىلماق --- تىرىشماق
- جەھدۇجىدد — تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق؛
- جەھدى تەئجىل — قاتتىق تىرىشىش؛
- جەھدى شىتاب — جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش؛
- جەھر — ئوچۇق ، ئاشكارا ، ئۈنلۈك گەپ قىلىش ، جاكارلاش، ئاشكارىلاش؛ [جەھر ئەتمەك --- ئاۋاز چىقىرىپ ئېيتماق، ئۈنلۈك ئوقۇماق]؛