لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تىلۈك — تىلىم، تىلىنغان، يىرتىق، يىرتىلغان؛
- تىلىمەك — سورىماق، تەلەپ قىلماق ؛ چاقىرماق؛
- تىم — ؛1) بازاردىكى ئۈستى يېپىلغان رەستىلەر؛ كارۋان سارايى؛ 2)تامچا ، قەترە ، تېمىم؛
- تىمار — نازارەت ؛ تەپتىش ؛ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش يولىدىكى ھەرىكەت،خىزمەت ؛ قايغۇرۇش،غەمخورلۇق؛
- تىمچە — ؛«تىم »نىڭ كىچىكلەتمىسى؛
- تىمسال — سۈرەت ، رەسىم ، ھەيكەل؛ نەمۇنە، مۇئەييەن بىر تۈرلۈك نەرسەنىڭ ئەۋرىشكىسى؛پادىشاھ پەرمانى؛ [تىمسال ئەتمەك --- ئوخشاتماق]؛
- تىمساھ — ئىسسىق بەلۋاغلاردىكى دېڭىز-دەريالاردا ياشايدىغان، كېلەر جىنىسىدىن بولغان ناھايىتى چوڭ يىرتقۇچ ھايۋان؛ لەھەڭ؛ ھايۋانات تۈ
- تىنچ ئوكيان — ئەڭ چوڭ ئوكيان، يەرشارىنىڭ 30% دىن ئارتۇقىنى ئىگىلەيدۇ؛
- تىنچ-ئامانلىق/بەخت-سائادەت — Well-being(ئىسىم)-- دېگەن سۆز "well" (ياخشى) ۋە "being" (بولۇش) سۆزلەرنىڭ بىرىكمەسى بولۇپ، جىسمانىي، روھىي، ھېس-تۇيغۇ ۋە
- تىنىقلاماق — سۈزۈلمەك، تىنىقلانماق؛
- تىنىلتماق — سۈزۈلدۈرمەك ، تازىلىماق؛
- تىنىلماق — سۈزۈلمەك ، تىنىقلانماق ، تىنماق؛
- تىيب — خۇشپۇراق ، خۇشپۇراقلىق نەرسە ، ئەتىر؛
- تىيبەت — خۇشپۇراقلىق، خۇش تەبىئەتلىك؛ مۇلايىملىق ، ياخشىلىق؛
- تىير — ؛1) ئوق ، ئوقيا ئوقى؛ ئوق ئۈزۈش، ئوت ئېتىش؛ يارنىڭ كىرپىكى ۋە قارىشى؛ 2)ئۇزۇن تىك ياغاچ، خادا ، كېمە ماچتىسى؛ 3) ئەتارۇد
- تىير باران — ئوق ياغدۇرۇش؛
- تىيرە — قاراڭغۇ ؛ قارا ؛ غەم - غۇسسىلىك ، بۇلغانغان ، خۇنۇك؛ [تىيرە تۇتماق ---قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرماق]؛ [تىيرە بولماق --- قارايما
- تىيرەلىق/تىيرەلىغ — قارىلىق، قاراڭغۇلۇق، خىرەلىك؛
- تىيرەمەغز — دۆت ، كاۋال ، پالاكەت ، قوپال؛
- تىيرەنداز — ئاتقۇچى، مەرگەن؛
- تىيرەندازلىق — مەرگەنلىك ، ئوق ئاتقۇچىلىق؛ [تىيرەندازلىق قىلماق --- ئوق ئاتماق ، ئوق ياغدۇرماق]؛
- تىيرزەن — ئوق ئاتقۇچى ؛ مەرگەن؛
- تىيرى ئىشق — ئىشق تىغى، مۇھەببەت ئوقى؛
- تىيشەۋەرلىق — ياغاچچىلىق ؛ تاشچىلىق؛