تىيرە

مەنىسى

قاراڭغۇ ؛ قارا ؛ غەم - غۇسسىلىك ، بۇلغانغان ، خۇنۇك؛ [تىيرە تۇتماق ---قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرماق]؛ [تىيرە بولماق --- قارايماق]؛ [تىيرە ئەختەر --- بەختسىز ، تەلەيسىز]؛ [تىيرە گەرد ---قويۇق، چاڭ - توزان،قاراڭغۇلۇق]؛ [تىيرە زات --- جاھالەتتە قالغان ئادەم، قاراڭغۇلۇقتا قالغان كىشى]؛ [تىيرە نىھاد --- غەمكىن ، غەملىك ، كۆڭلى قاراڭغۇ ، يامان تەبىئەتلىك]؛ [تىيرە راي --- نادان، كالتە پەم]؛ [تىيرە رو --- قارا يۈزلۈك؛ ۋەھىمىلىك ، قورقۇنچلۇق؛ بەختسىز، يارىماس]؛ [تىيرە روز --- قايغۇلۇق، ھال كۈنى ئوسال]؛ [تىيرە سەھاب --- قارا بۇلۇت]؛ [تىيرە خام --- قارا رەڭلىك، قارا تۈسلۈك]؛ [تىيرە خاك --- قارا تۇپراق]؛ [تىيرە چاھ --- قاراڭغۇ زىندان]؛ [تىيرە شام --- قاراڭغۇ كېچە]؛

لۇغەتنى كۆرۈش