لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەھقىر — پەس كۆرۈش ، كەمسىتىش ، خورلاش؛ كەمسىتمەك ؛ خارلىماق؛ ھۆرمەتلىك بولغان نەرسەگە يامان كۆز بىلەن قارىماق؛
- تەھقىق — راست ، چىن؛ بىرەر نەرسەنىڭ ھەقىقىتىنى ئىزدەش ، تەكشۈرۈپ كۆرۈش ، راستىنى چىقىرىش، ھەقىقەتلەش؛ [تەھقىق ئەيلەمەك، تەھقىق ئە
- تەھلىكە — خەتەر؛ قورقۇنچ؛ ھالاكىتى كۆزگە كۆرۈنگەن ھال؛ ئۆلۈش ، ھالاك بولۇش، ئۆلۈم خەۋپى؛
- تەھلىل — مۇرەككەپ بىر نەرسەنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ تەكشۈرۈش ، تۈگۈنلەرنى يېشىش ، ھەزىم قىلىش ؛ ئېرىتىش ، پارچىلاش؛
- تەھمىل — مەجبۇرىيەت، مەجبۇرىي سېلىق؛
- تەھمىن — ئورۇن؛ يەر؛ جاي.
- تەھنۇقرە — ئاستى كۈمۈش ، ئۈستى ئالتۇن ، تېگى كۈمۈش ، يۈزى ئالتۇن؛
- تەھنىييەت ، تەھنىئەت — قۇتلۇقلاش ، تەبرىكلەش؛
- تەھۇر — پاك، ساپ؛ [تەھۇر بادەسى --- ساپ ۋە پاكىز شاراب، ئۆتكۈر شاراب]؛ [تەھۇر شەربەتى ---ئەڭ شېرىن شەربەت]؛
- تەھۋىل — بىر نەرسەنى بىر ھالدىن باشقا بىر ھالغا كىرگۈزۈش، ئۆزگەرتىش؛تاپشۇرۇش، ئۆتكۈزۈش؛ كونا ئاسمانشۇناسلىق چۈشەنچەسى بويىچە قۇيا
- تەھۋىلدار — خەزىنىدار، خەزىنىچى؛
- تەھىييات — ؛«تەھىييەت»نىڭ كۆپلۈكى: تەبرىكلەر ، سالاملار؛
- تەھىييە، تەھىييەت — ؛1) سالام ، تەبرىك ، دۇئا ، ماختاش ؛ تىرىكلىك بېرىش ، ھاياتلىق بېغىشلاش؛ 2)تەييارلىق ، تەمىنات ؛ تەييارلاش ، ھازىرلاش؛
- تەۋئ — بويسۇنۇش ، ئىتائەت قىلىش؛ مەيل ، خاھىش ، ئىختىيار؛ [تەۋئ ئەيلەمەك --- خالىماق،مايىل بولماق]؛
- تەۋئامان — قوشكېزەك؛
- تەۋئەم — ماس ، ماس كېلىدىغان ، مۇۋاپىق ؛ قوشكېزەك بالىنىڭ بىرسى؛
- تەۋابىئ — ؛«تابىئ»نىڭ كۆپلۈكى : تەئەللۇقات ، تەۋەلىكلەر ، تەۋە نەرسەلەر ،ئەگەشكۈچىلەر ،تەۋەلىكىدىكى كىشىلەر؛
- تەۋاتۇر — ئارقىمۇئارقا ، كەينى - كەينىدىن ، ئۈزۈلمەستىن ؛ تارقىلىش ،يېيىلىش ، ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن رىۋايەت؛
- تەۋاچى — پادىشاھنىڭ بۇيرۇق ۋە تاپشۇرۇقلىرىنى تېگىشلىك يەرلەرگە يەتكۈزگۈچى ھەم ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگۈچى ئەمەلدار؛
- تەۋارۇد — ئىككى شائىرنىڭ شېئىرى تەسادىپەن مەناداش بولۇپ قېلىش؛
- تەۋارىخ — ؛«تارىخ»نىڭ كۆپلۈكى : تارىخلار؛
- تەۋازۇئ — ئەدەپچانلىق ؛ كەمتەرلىك ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش؛ [تەۋازۇئ ئەيلەمەك --- كەمتەرلىك قىلماق، ئۆزىنى ئەدەپچان تۇتماق]؛
- تەۋازۇن — تەڭپۇڭلۇق، باراۋەرلىك؛
- تەۋاف — بىرەر نەرسەنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىش، بىرەر نەرسەنى چۆرىدەپ ئايلىنىش، زىيارەت ، تاۋاپ؛