لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەۋافۇق — بىرلىككە كېلىش ، پىكىر بىرلىككىگە كېلىش، بىر - بىرىنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇش، بىر - بىرىگە مۇۋاپىقلىشىش؛
- تەۋالى — ئارقا - ئارقىدىن، ئۈزۈلمەستىن ، بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ؛
- تەۋان — قابىلىيەت ، ئىقتىدار ، تالانت ، كۈچ ، قۇۋۋەت ؛ چىدام؛ [ناتەۋان --- كۈچسىز ، زەئىپ]؛
- تەۋانا — كۈچلۈك ، قۇۋۋەتلىك ، قۇدرەتلىك ؛ ساغلام؛ [ناتەۋانا --- كۈچسىز، قۇۋۋەتسىز،قۇدرەتسىز]؛
- تەۋانگەر — كۈچلۈك، قۇۋۋەتلىك ، قۇدرەتلىك ، باي ، بەدۆلەت؛
- تەۋايىف — ؛«تائىفە»نىڭ كۆپلۈكى: گۇرۇھلار ، تائىپەلەر، قەبىلىلەر ،ئۇرۇقلار؛
- تەۋەججۇھ — يۈزلىنىش ، يۈزىنى مۇئەييەن بىر تەرەپكە قارىتىش، خەيرىخاھلىق بىلەن قاراش؛ [تەۋەججۇھ ئەتمەك --- يۈزلەنمەك ، بۇرۇلماق ، قار
- تەۋەرىك — تەۋۈرۈك؛
- تەۋەز — تېرىككەك.
- تەۋەسسۇت — ئارىغا چۈشۈش ، ياراشتۇرۇش ، كېلىشتۈرۈپ قويۇش ، ئوتتۇرىدا تۇرۇش ، ۋاسىتە بولۇش، كېلىشتۈرگۈچى؛
- تەۋەسسۇل — ۋاسىتە قىلىش ، تايىنىش، بانا، سەۋەب ، تىلەش ، يېلىنىش،يالۋۇرۇش؛
- تەۋەققۇئ — بىرەر ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىنى تىلەش ، ئۈمىد بىلەن قاراش،مۆلچەرلەش؛ [تەۋەقۇئ ئەيلەمەك، تەۋەققۇئ ئەتمەك --- ئۈمىد قىلماق،ك
- تەۋەققۇف — توختاش ، جىم تۇرۇش؛ [تەۋەققۇف ئەيلەمەك --- توختىماق،جىم تۇرماق، ھايال بولماق، تۇرماق]؛
- تەۋەككۇل — ۋەكىل قىلىش ؛ ئىشىنىش ، تايىنىش ، ئىشەنچ قىلىش؛ ھاۋالە قىلىش؛
- تەۋەككۈل/كارخانا — Venture دېگەن سۆز ئىسىم شەكلىدە خەتەرلىك ياكى نەتىجەسى نامەلۇم بولغان تىجارەت تەشەببۇسى، يېڭى سودا بارلىقى؛ تەۋەككۈللۈك
- تەۋەللا — دوستلۇق ، دوست تۇتۇش؛ ئۈمىد ، ئۈمىدلىنىش ، يالۋۇرۇش؛ [تەۋەللا قىلماق --- دوست تۇتماق ، ئۈمىدلەنمەك، تىلىمەك ، يالۋۇرماق]
- تەۋەللۇد — تۇغۇلۇش ، دۇنياغا كېلىش؛ [تەۋەللۇد تاپماق --- تۇغۇلماق]؛
- تەۋەھھۇم — ۋەھىمىگە چۈشۈش ، قورقۇش ، ئەندىشە ؛ تەھلىكە؛ [تەۋەھھۇم ئەيلەمەك --- قورقماق،ۋەھىمىگە چۈشمەك]؛
- تەۋەھيۇم — ۋەھىمىلىنىش؛ قورقۇنچ.
- تەۋبە — پۇشايمان ، نادامەت ، خاتا قىلىپ قويغانلىقىغا ئۆكۈنۈش ، توۋا؛
- تەۋبىخ — ئەيىبلەش، سۆكۈش ، قاتتىق تەنقىدلەش؛
- تەۋجىھ — بىر تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش ، بىر تەرەپكە ماڭدۇرۇش ؛ بەلگەلىمە،كۆرسەتمە؛ [تەۋجىھ قىلماق --- يۈزلەندۈرمەك ؛ بەلگەلىمەك ؛ كۆرس
- تەۋدىئ — خەيرلىشىش ، ۋىدالىشىش؛ [تەۋدىئ قىلماق --- خەيرلەشمەك، ئۇزاتماق؛
- تەۋر — رەۋىش، يوسۇن ، تەرز ، ئۇسۇل ، چارە، ، ئادەت ، قىلىق ، تەرتىپ ، قائىدە،چەك ، چېگرا؛ [تەۋر ئەتمەك --- بىر نەرسەگە ئۆگەنمەك