لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەھەمتەن — باھادىر ، پالۋان ؛ «شاھنامە »دىكى رۇستەمنىڭ لەقەمى؛
- تەھەممۇل — تاقەت ، سەۋر ، چىدام، بەرداشلىق ؛ چىڭ تۇرۇش؛ چىداش ؛ كۆتىرىش. [تەھەممۇل ئەيلەمەك، تەھەممۇل كۆرگۈزمەك --- چىدىماق ، ئېغىر
- تەھەۋۋۇر — غەزەپ ۋە شىدەەت بىلەن ھۇجۇم قىلىش، غەزەپلىنىپ قايناپ كېتىش؛ قاراملىق،يەڭگىللىك ، ئالدىراقسانلىق ؛ بىشەملىك؛
- تەھەۋۋۇل — ئۆزگىرىش ، ئايلىنىش، بىر خىل ھالەتتىن يەنە بىر خىل ھالەتكە ئۆتۈش؛
- تەھەييۇر — ھەيران قېلىش ، ھەيران بولۇش ، چۆچۈپ كېتىش؛
- تەھەييۇرات — ؛«تەھەييۇر»نىڭ كۆپلۈكى: ھەيرانلىقلار؛
- تەھبەتە — قاتمۇ - قات؛ ئۈستى - ئۈستىگە.
- تەھت — ئاست ، تەكت؛ [تەھت فەرمانىدا --- ھۆكمى]؛ [تەھت قەلئە --- قەلئە ئاستى]؛
- تەھتە سىسەرا — يەر ئاستى؛
- تەھدىت — قورقۇتماق.
- تەھدىد — ؛1) قورقۇتۇش ، دوق قىلىش ، ھەيۋە قىلىش؛ [تەھدىد ئەتمەك --- قورقۇتماق]؛ 2)چەكلەش، چېگرالاش ، دائىرىسىنى بەلگەلەش؛
- تەھرىر — يېزىش ، ئەسەر يېزىش؛ تەھرىرلەش؛ قايتا يازماق؛ لايىق قىلماق؛ ئىسلاھ قىلىپ تۈزمەك. [تەھرىر ئەيلەمەك، تەھرىر ئەتمەك --- ياز
- تەھرىرات — ؛«تەھرىر»نىڭ كۆپلۈكى: يېزىشلار ، يېزىلغان كىتابلار،تەھرىرلەشلەر؛
- تەھرىس — ھېرىسلەندۈرۈش، ھېرىسنى ئويغىتىش، تەمە قوزغاش ، ھەۋەسلەندۈرۈش؛ [تەھرىس ئەيلەمەك --- تەمە قىلدۇرماق ، ھېرىسلاندۇرماق]؛
- تەھرىف — بۇرمىلاش ، ئويدۇرۇپ چىقىرىش ، ئۆزگەرتىش، بۇزۇش؛
- تەھرىك — ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، قېمىرلىتىش ، قوزغاش ، مىدىرلىتىش؛
- تەھرىم — چەكلەش، مەنئى قىلىش ، مەھرۇم قىلىش ، تارتىۋېلىش؛
- تەھرىمىي — مەنئى قىلىنغان ، چەكلەنگەن؛
- تەھزىب — تۈزىتىش ، توغرىلاش؛ تازىلاش ، پاكىزلاش ؛ تەلىم بېرىش ، يول كۆرسىتىش، يېتەكلەش؛
- تەھزىر — ھەزەر ئەيلىتىش، ئاگاھلاندۇرۇش ، قاچۇرۇش ، چەتلەشتۈرۈش،توسۇش ، چەكلەش؛
- تەھسىل — ھاسىل قىلىش ، ھوسۇل ئېلىش ؛ ئۆگىنىۋېلىش؛ [تەھسىل ئەيلەمەك،تەھسىل ئەتمەك --- ئوقۇماق ، ئىلىم ئۆگەنمەك ، ئۈنۈم ھاسىل قىلما
- تەھسىلدار — سېلىق يىغقۇچى ، باجگىر؛
- تەھسىن — ئاپىرىن ئوقۇش، تەقدىرلەش ، مەدھىيەلەش ، ماختاش؛ بارىكاللا؛ ئالقىش؛ مەدھىيە؛ [تەھسىن ئەيلەمەك ، تەھسىن ئەتمەك --- ماختىما
- تەھفىق — راستىنى بىلمەك؛ جەزمەن؛ ، چوقۇم.