لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەنگبەستە — مۇستەمكەم ، ئۇلىڭى چىڭ تارتىلغان؛
- تەنگدەست — نامرات ، كەمبەغەل ، قولى قىسقا؛
- تەنگدەستلىغ — نامراتلىق ، يوقسۇللۇق ، پېقىرلىق؛
- تەنگدىل — ھەسرەتلىك ، قايغۇلۇق ، غەمكىن ، يۈرىكى قىسىلغان؛
- تەنگناي — تار يول ؛ گال ، بوغاز ، كېكىرتەك؛
- تەنگۇداز — بەدەننى كۆيدۈرگۈچى ، بەدەننى قىزىتقۇچى ، بەدەننى ئېرىتكۈچى؛
- تەنگى — تارچۇق ، تارچىلىق ؛ نامراتلىق ، مۈشكۈللۈك تاغ يولى ، جىلغا؛
- تەنۇرە — پەرتۇق؛ [چەرمىن تەنۇرە --- تېرە، پەرتۇق ، كۆن پەرتۇق]؛
- تەنۇمەند — كۈچلۈك ، قۇۋۋەتلىك ، ساغلام ، سېمىز ، گەۋدىلىك؛ [ناتەنۇمەند --- كۈچسىز، ساقسىز ،ئاجىز؛
- تەنۋىر — يورۇتۇش ، يالتىرىتىش ، نۇرلاندۇرۇش؛
- تەنۋىن — ئەرەبچىدە ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا «ن» تاۋۇشىنى قوشۇپ ئېيتىش ،يەنى نۇنلاشتۇرۇش؛
- تەھ — تەكت ، ئاست ؛ قات ؛ كىچىك؛ [ تەھخەر --- ئېشەكنىڭ بالاسى]؛
- تەھ - بەتەھ — قاتمۇقات ، قەۋەتمۇقەۋەت؛
- تەھارەت — پاكىزلىق، پاكلىق ، تازىلىق ، پاكلىنىش ، تازىلىنىش؛
- تەھاشى — بىرەر نەرسەدىن قورقۇپ چەتلىشىش ، چېكىنىش ؛ ئۆزىنى تارتىش،تارتىنىش ، ئۆزىنى قاچۇرۇش ، قېچىش ، رەت قىلىش؛
- تەھەتتۇك — پەردە يىرتىلىش ، شەرمەندە بولۇش ، رەسۋالىق؛ [تەھەتتۇك بولماق --- رەسۋا بولماق،شەرمەندە بولماق]؛
- تەھەججۇد — تۈن كېچىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ، كېچىلىك ناماز؛ تۈنەش ، تۈنەك؛
- تەھەررۇك — قىمىرلاش ، مىدىرلاش ، ھەرىكەتلىنىش؛ [ تەھەررۇك ئەيلەمەك --- ھەرىكەت قىلماق]؛[تەھەررۇك تاپماق --- ھەرىكەتلەنمەك]؛[تەھەررۇ
- تەھەررۈك — مىدىرلىماق؛ تەۋرىنىش؛
- تەھەرمۇز — ھارامزادىلىك ، قەللاپلىق؛
- تەھەسسۇر — ھەسرەت چېكىش ، ئەپسۇسلىنىش ؛ ئازابلىنىش ، قايغۇرۇش؛
- تەھەففۇز — ساقلىنىش ، ئۆز - ئۆزىنى ساقلاش ، ئالدىنى ئېلىش؛
- تەھەققۇق — مۇقىملىشىش ، رەسمىيلىشىش ، ئاخىرقى قارارغا كېلىش ، ئەمەلگە ئېشىش، ھەقىقەتكە ئايلىنىش ، ئىسپاتلىنىش؛
- تەھەككۇم — ھۆكۈم سۈرۈش، ئىدارە قىلىش، باشقۇرۇش؛ زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىش؛