لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەنەن — ئادەم
- تەنەۋۋئ — تۈرلىنىش ، خىلمۇخىل بولۇش ؛ خىلمۇخىللىق؛
- تەنبەل — ھۇرۇن، ئېرىنچەك ؛ سېمىز ، لومپا؛
- تەنبۇرە — تەمبۇرنىڭ كىچىك بىر خىلى؛ چالغۇ ئەسۋاب تۈرى؛
- تەنبۇل — تاماققا سېلىنىدىغان بىر خىل خۇشبۇي يوپۇرماق؛
- تەنبىھ — ئويغىتىش ؛ جازالاش ، ئەيىبلەش ؛ ئاگاھلاندۇرۇش؛
- تەنپۇش — كىيىم ، يېپىنچا؛
- تەنتا(تەنھا)؛ — يالغۇز.
- تەنتەك — ئۆزىنى تۇتىۋالمىغان؛ يېنىك.
- تەنتەنە — داقا - دۇمباق ساداسى ، شاۋقۇن - سۈرەن ، سائەت ، قوڭغۇراق ،شاۋقۇن ، كۆركەملىك،پۇزۇرلۇق؛ مەدھىيە؛ دەبدەبە؛ ھەشەمەتلىك.
- تەندۇرۇست — ساغلام ، سالامەت؛ [تەندۇرۇست ئولماق --- ساقايماق ،تۈزەلمەك ، ئوڭلانماق]؛
- تەنزىھ — گۇناھتىن پاكلاش، يامان ئىشلاردىن قول ئۈزدۈرۈش؛ پاك ، غۇبارسىز؛
- تەنسىف — بىر نەرسەنى ئىككىگە تەپمۇتەڭ قىلىپ بۆلۈش؛ [ تەنسىف قىلماق --- ئىككىگە بۆلمەك،يېرىمىنى ئاجراتماق]؛
- تەنقال — بەلگەلەنگەن جايغا يىغىلىش توغراسىدا ئەسكەرلەرگە بۇيرۇق قىلىش ياكى خەۋەر بېرىش؛
- تەنقىدلەر، باھالاشلار — Reviews(ئىسىم/پېئىل)--"review" نىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، بىرەر مەھسۇلات، فىلىم، كىتاب، خىزمەت قاتارلىقلارنى باھالاش، تەنقى
- تەنقىر — ئويۇش ، كولاش؛ [ تەنقىر ئەيلەمەك --- كولىماق]؛
- تەنقىس — ئازايتىش ، كېمەيتىش ، يېتىشمەسلىك، قىسلىق ؛ كەم نەرسە؛سىقىلىش؛ [تەنقىس تاپماق --- تۈگەپ قالماق ، قىسىلماق؛ [تەنقىس بەرمە
- تەنقىھ — بىر نەرسەنىڭ كېرەكسىز قىسمىنى چىقىرىپ تاشلاش، شاكىلىنى چىقىرىپ مېغىزىنى ئېلىش؛ تۈزىتىش ، بېزەش ، تەكشۈرۈش؛
- تەنكار — Borax (ئىسىم) — بور (boron)، ناترىي (سودىئوم) ۋە ئوكسىگېندىن تەركىب تاپقان، ئاق رەڭلىك، كرىستال ياكى ئۇنسىمان تۇز مىنېرا
- تەنكىر — قىياپەتىنى يوشۇرۇش، ئەسلىي قىياپەتىنى ئۆزگەرتىش،پەردەزلەش،گىراماتىكىدا ئىسىملارنى بىتايىن شەكلىگە كەلتۈرۈش، مەجھۇللاشتۇر
- تەنگ — ؛1) تار ، قىس ، زىچ؛ قىسقا؛ [دىلتەنگ --- يۈرىكى قىسىلغان ، غەمكىن ، زېرىككەن؛ [تەنگ نەفەس --- نەپىسى سىقىلىش]؛ 2)ئۇلاڭ ؛
- تەنگ - تەنگ — توپ - توپ ، تاي - تاي (مال )؛
- تەنگ سال — قەھەتچىلىك يىلى؛
- تەنگەشتۈرمەك — تەڭلەشتۈرمەك؛