لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەمۈر — تۆمۈر؛
- تەمىر — تۈزەتمەك؛ ئىسلاھ قىلماق؛ يېڭىلىماق.
- تەمىن — شۇبھىنى يوقاتماق؛ قورقۇنچنى يوقاتماق.
- تەمىنات — يىمەك-ئىچمەك؛ كىيىم-كېچەكلەرنىڭ يىغىندىسى.
- تەن — تۇغقان ، قارىنداش؛
- تەن — تەن ، گەۋدە، جۇغ؛ بەدەن، گەۋدە؛
- تەنازۇئ — تالاش - تارتىش؛ مۇنازىرە ، كۈرەش ؛ چېلىشىش؛
- تەناسۇب — بىر - بىرىگە مۇناسىپ بولۇش ، ئۇيغۇنلىشىش ، نىسبەت، تاناسىپ؛ مۇناسىۋەت، ئالاقە؛
- تەناسۇخ — ئالمىشىش، روھنىڭ بىر تەندىن يەنە بىر تەنگە كۆچۈشى(بۇددا دىنىنىڭ قارىشى)؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ، يىللارنىڭ ئالمىشىشى؛
- تەناسۇل — كۆپىيىش ، ئۇرۇق - نەسىلنىڭ كۆپىيىشى، ئۇرۇقلىنىش؛
- تەنافۇر — بىر - بىرىسىدىن نەپرەتلىنىش ، بىر - بىرىدىن يىرگىنىش؛ ئەپ بولماسلىق، يېقىن ئۆتمەسلىك؛
- تەناقۇز — بىر سۆزنىڭ يەنە بىر سۆزگە زىت كېلىشى ، ئىككى سۆزنىڭ بىر- بىرىگە قارشى كېلىشى؛ زىتلىق، زىددىيەت، قارشىلىق؛
- تەناقۇس — بارغانسېرى ئازىيىش، كېمىيىش، ئازلاش؛
- تەناۋۇل — يىيىش ، ئىچىش ، غىزالىنىش؛ [ تەنەۋۇل قىلماق --- يېمەك،ئىچمەك ؛ غىزالانماق ،ئىستېمال قىلماق]؛
- تەنە — گەۋدە ، تەن ؛ غول (دەرەخنىڭ )؛
- تەنەئئوم — يىمەك-ئىچمەكتىن پايدىلىنىش؛ غەنىمەت؛ ھۇزۇرلىنىش؛
- تەنەئئۇم — نازۇ-نېمەتلەر ئىچىدە ياشاش ، پاراغەتلىك ياشاش ، راھەتتە ياشاش ،بەختىيارلىق؛
- تەنەئئۇمات — ؛«تەنەئئۇم»نىڭ كۆپلۈكى: پاراغەتلىك تۇرمۇشلار؛
- تەنەپپۇس — ئارام ئالماق؛ نەپەس ئالماق؛ تىنىۋېلىش
- تەنەززۇل — تۆۋەنلەش ، پەسكە چۈشۈش، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش ، كەمتەرلىك؛
- تەنەززۇل/دېۋولۇتسىيە — Devolution(ئىسىم)--(1)دېۋولۇتسىيە:سىياسەتتە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ھوقۇق ۋە ۋەزىپەلىرىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ياكى رايونلۇق
- تەنەففۇر — يىرگىنىش ، نەپرەتلىنىش؛ نارازىلىق؛
- تەنەفقۇس — دەم ئېلىش ، نەپەسلىنىش؛
- تەنەققۇل — كۆچۈش ، يۆتكىلىش ؛ ئىچىملىك بىلەن بىرگە ئازراق يېمەك يېيىش،گېزەك (زاكۇسكا) قىلىش؛