لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەفزىل — ئارتۇق كۆرۈش ، ئەۋزەل كۆرۈش ، ئېسىل ، ئەلا؛
- تەفزىھ — رەسۋا قىلىش ، شەرمەندە قىلىش ، بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارا قىلىپ نامىنى بۇلغاش،ھاقارەتلەش؛
- تەفسان — ئوتتەك قىزىق، ئىنتايىن ئىسسىق ، تاۋلانغان، چوغدەك بولغان؛
- تەفسەندە — قىزىغان ، قىزىق ، ئىسسىق ، قايناق ؛ قىزغىن؛
- تەفسىر — شەرھلەش ، ئىزاھلاش، بىرەر تېكىستنىڭ مەناسىنى ئىزاھلاش،سۆزلەرنىڭ مەناسىنى چۈشەندۈرۈش ؛ قۇرئان ئايەتلىرىنى ئىزاھلاش ؛ قۇرئ
- تەفسىل — بىرەر نەرسەنى ئەتراپلىق ، ئوچۇق ۋە ئېنىق بايان قىلىش،كېڭەيتىپ سۆزلەش، قاتلاملارنى ئىنچىكە ئايرىش؛ [تەفسىل ئەيلەمەك --- ك
- تەفسىلات — ؛«تەفسىل»نىڭ كۆپلۈكى : ئىنچىكە بايانلار ، كونكرېت چۈشەندۈرۈشلەر؛
- تەفسىلەن — تەپسىلىي، يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە؛
- تەفھىم — چۈشەندۈرۈش، پەم قىلدۇرۇش، بىلدۈرۈش ، ئۆزلەشتۈرۈش ، چۈشەنچەگە ئىگە قىلىش؛
- تەفۋىز — ھاۋالە قىلىش، تاپشۇرۇش؛ ئىشىنى باشقىلارغا يۈكلەش؛ [تەفۋىز ئەتمەك --- تاپشۇرماق]؛
- تەقابۇل — قارىمۇقارشى بولۇش ، ئۇچرىشىش ، يۈزمۇيۈز بولۇش؛ قارىمۇقارشىلىق ، تاقابىللىق ،نىسبەتلەشتۈرۈش ، سېلىشتۇرۇش؛
- تەقارۇب — يېقىنلىشىش ، ئۆزئارا يېقىنلىشىش ، بىر - بىرىگە يېقىن كېلىش،ئوخشاشلىق ، ماسلىق ، ماس كېلىش؛
- تەقازا — خالاش ، ئىزدەش ، تەلەپ قىلىش ، تەلەپ؛ [تەقازا قىلماق --- ئىزدىمەك، خالىماق، تەلەپ قىلماق]؛
- تەقەببۇل — قوبۇل قىلىش؛ [ تەقەببۇل ئەيلەمەك، تەقەببۇل قىلماق --- قوبۇل قىلماق]؛
- تەقەددۇس — مۇقەددەس بولۇش ، پاكلىنىش ؛ پاك ، مۇقەددەس؛
- تەقەددۇم — ئىلگىرىلەش ، ئالغا بېسىش ، ئالغا قاراپ قەدەم قويۇش؛
- تەقەددۇمۇ تەئەخخۇر — ئىلگىرى - ئاخىر ؛ ئالغا بېسىش ۋە ئارقىدا قېلىش؛
- تەقەررۇب — يېقىنلىشىش ؛ يېقىنلىق ، ئامراقلىق ، دوستلۇق؛
- تەقەييۇد — سولىنىش ، باغلىنىش ، زەنجىرلىنىش؛ چەكلىنىش؛ مېھرىنى ئۈزەلمەسلىك؛
- تەقبىل — لقبيل ) ، ئە .. سۆيۈش ، ئۆپۈش .
- تەقبىھ — نەپرەتلىنىش، يامان كۆرۈش، تىللاش؛
- تەقتىئ — كېسىش ، بۆلەكلەرگە بۆلۈش ، پارچىلاش ؛ شېئىر مىسرالىرىنى بۆلەكلەرگە ئاجرىتىپ، ۋەزىننى ئۆلچەش؛ [تەقتىئ قىلماق --- كەسمەك ،
- تەقدىر — پەرەز ، ئېھتىمال ؛ باھالاش ، باھا قويۇش ، مۆلچەرلەش ؛ پېشانىگە پۈتۈلگىنى،تەقدىر؛
- تەقدىر قىلىنغان — Destined(سۈپەت/پېئىل)--بىر ئىشنىڭ تەقدىر ياكى مەقسەت بويىچە بەلگىلەنگەنلىكىنى، يۈز بېرىشى چوقۇم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىد