لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەغافۇل — بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىش ، خۇپسەنلىك ؛ غەپلەت ، ئېتىبارسىزلىق، دىققەتسىزلىك،سەل قاراش؛
- تەغاقۇل — غەپلەتتە قېلىش.
- تەغەننى — ؛1) كۈيلەش ، ناخشا ئېيتىش ؛ ناخشا؛ 2)بېيىش، باي بولۇش ، بايلىق ، موللۇق؛ مول،كۆپ؛
- تەغەييۇر — ئۆزگىرىش ، باشقا تۈسكە كىرىش؛ [ تەغەييۇر تاپماق --- ئۆزگەرمەك]؛
- تەغيىر — ئۆزگەرتىش ، ئالماشتۇرۇش؛ [تەغيىر بەرمەك ، تەغيىر ئەتمەك، تەغيىر قىلماق --- ئۆزگەرتمەك]؛ [تەغيىر تاپماق --- ئۆزگەرتىلمەك
- تەف — ئىسسىتما، قىزىتما ، بەزگەك ، تەپ؛
- تەفاخۇر — پەخىرلىنىش؛ ئۆزئارا داڭلىشىش، كۆككە كۆتۈرۈشۈش؛ [تەفاخۇر قىلماق --- پەخىرلەنمەك؛ئۆزئارا كۆز - كۆز قىلىشماق]؛
- تەفازۇل — ئارتۇقچىلىق ، ئەۋزەللىك؛ ئۆزئارا بەسلىشىش؛پەرق؛
- تەفاسىر — ؛«تەفسىر»نىڭ كۆپلۈكى : بايانلار ، تەپسىرلەر، شەرھلەر؛
- تەفاۋۇت — پەرق ، ئوخشاشماسلىق ؛ ئارىلىق؛ [تەفاۋۇت ئەيلەمەك --- ئايرىماق، پەرقلەندۈرمەك]؛
- تەفەئئۇل — تەخمىنلەش، مۆلچەرلەش ؛ پال ئېچىش ، رەم بېقىش ؛ ياخشىلىققا ئۆرۈش، ياخشى تەرەپكە بۇراپ تەبىر بېرىش؛ بەشارەت، ئالدىن مەلۇما
- تەفەرئۇن — كىبىرلىنىش ، تەكەببۇرلىنىش؛ زالىملىق ، زومىگەرلىك؛
- تەفەررۇج — سەيلە ، تاماشا، كۆڭۈل ئېچىش؛ ئىستىراھەت ، سەير - تاماشا؛ [تەفەررۇج قىلماق ---سەيلە قىلماق ، تاماشا قىلماق ، كۆڭۈل ئاچماق
- تەفەررۇس — پەملەش، پاراسەت بىلەن بىلىۋېلىش ، بايقىۋېلىش ؛ ئۆتكۈرلۈك،ئىنچىكە كۈزىتىش،دىققەت قىلىش؛
- تەفەققۇد — يوقالغان نەرسەنى ئاختۇرۇش ، سۈرۈشتۈرۈش ؛ مېھرىبانلىق ، مېمرىبانلىق كۆرسىتىش ،ھېسداشلىق قىلىش]؛
- تەفەككۇر — تەپەككۇر ، ئويلاش ، پىكىر قىلىش؛
- تەفەھھۇس — چوڭقۇر تەكشۈرۈش، سۈرۈشتۈرۈش ، تەتقىق قىلىش؛ [تەفەھھۇس ئەيلەمەك ---سۈرۈشتۈرمەك ، تەكشۈرمەك]؛
- تەفەھھۇم — ئاستا - ئاستا چۈشىنىپ يېتىش، بارا - بارا تونۇپ يېتىش؛ تونۇپ يېتىش،چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، پەم قىلىش؛
- تەفتىش — تەپتىش، تەكشۈرۈش ، ئىزدەش ، ئاختۇرۇش؛
- تەفرىت — سەل قاراش ، سۇسلۇق قىلىش ، بىخەستەلىك قىلىش ؛ ئىسراپ قىلىش؛
- تەفرىد — يالغۇزلۇق ؛ يەككە - يېگانە قېلىش ، ئۆزىنى يالغۇزلۇقتا قالدۇرۇش؛تەركىي دۇنيا بولۇپ يالغۇز ياشاش؛
- تەفرىق — ئايرىش ، بۆلۈش ؛ ئايرىلىش ، بۆلىنىش ، پەرقلىنىش؛
- تەفرىقە — ئاجرىلىش، چېچىلىش ، ئاجرىتىش ، بۆلگۈنچىلىك؛
- تەفرىھ — خۇرسەن قىلىش،شادلاندۇرۇش ، خۇشال قىلىش ، چاقچاق قىلىش؛كۆڭۈل ئېچىش؛