لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەقدىس — مۇقەددەسلەشتۈرۈش ، مۇقەددەس بىلىش ، ئەزىزلەش ، مەدھىيەلەش،ماختاش، ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىش؛
- تەقدىم — بىر نەرسەنى بىراۋنىڭ ئالدىغا قويۇش ، بېرىش ؛ بىر نەرسەنى بىراۋغا سۇنۇش، سۇنۇپ بېرىش،تارتۇق قىلىش، سوۋغا قىلىش؛
- تەقرىب — يېقىنلاشتۇرۇش؛ يېقىنلىق؛ تەخمىن؛
- تەقرىبەن — ئومۇمەن؛ تەخمىنەن؛
- تەقرىبىي — تەخمىنلەنگەن، تەخمىنەن ئېيتىلغان؛
- تەقرىپ — يېقىنلاشقان؛ يېقىنلاشتۇرۇلغان.
- تەقرىر — قارار قىلىش ، بىر پىكىرگە كېلىش ، ئىسپاتلاش؛ ئېتىراپ ؛ سۆزلەش، ئېيتىش، بېرىش،مەقسەتنى ئاغزاكى بىلدۈرۈش؛
- تەقرىرات — ؛«تەقرىر»نىڭ كۆپلۈكى : تەقرىر؛
- تەقرىز — ئەسلى مەناسى-قىرقىماق؛ كۆچمەمەنسى-يېڭى نەشىر قىلىنغان كىتابلارنى تونۇشتۇرۇپ يېزىلغان ماقالە. ماختاش،مەدھىيە؛ ئەسەرنى باھ
- تەقسىر — قىسقارتىش ، يېتىشمەسلىك ؛ كەمچىلىك، نۇقسان، سەۋەنلىك ؛ گۇناھ؛[تەقسىر ئەيلەمەك، تەقسىر ئەتمەك، تەقسىر قىلماق --- كەمچىلىك
- تەقسىرات — نۇقسان؛ خاتا؛ كەمچىلىك؛ قىسقا قىلماق .
- تەقلىد — Imitation(ئىسىم)--باشقا بىر ئادەم، نەرسە ياكى ھەرىكەتنى قەستەن ئوخشىتىش، كۆچۈرۈش ياكى تەقلىد قىلىشنى، شۇنىڭدەك ئەسلىنىڭ
- تەقلىل — ئازايتىش ، كېمەيتىش؛ [تەقلىل قىلماق --- ئازايتماق،كېمەيتمەك]؛
- تەقۋا — دىندارلىق، پەرھىزكارلىق ، ئىخلاسمەنلىك، سادىقلىق؛ [تەقۋا ئەھلى --- تەقۋادار كىشى ، دىندار كىشى]؛
- تەقۋىم — تۇرغۇزۇش، تىكلەش، مۆلچەر، تەسەۋۋۇر باھالاش، باھا قويۇش؛پىلانېتلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان يىللىق جەدۋەل؛ كالېندار؛
- تەقۋىييەت — كۈچ - قۇۋۋەت بېرىش، كۈچەيتىش، ياردەم بېرىش ؛ مەدەت،ياردەم ، تىرىشچانلىق؛
- تەقى — تېخى ، يەنە؛
- تەقىپ — نەزەر ئاستىغا ئېلىش؛ چەكلەش ؛ ئارقاسىغا چۈشۈپ قوغلاپ يۈرمەك؛ ئەركىن ھەركەت قىلىشقا يول قويماسلىق.
- تەك — ؛1) يۈرۈش ، يۈگۈرۈش ، چېپىش؛ [تەك ئۇرماق --- يۈرمەك،يۈگۈرمەك، چاپماق]؛ [تىزتەك --- چاپار ، چاپىدىغان ، ئىلدام ، تېز يۈرە
- تەكاب — ئېرىق، خەندەك؛
- تەكاسۇل — سۇسلۇق ، پەرۋاسىزلىق ، ھۇرۇنلۇق؛
- تەكالىف — ؛«تەكلىف»نىڭ كۆپلۈكى : تەكلىپلەر؛
- تەكامۇل — تولۇق ، كامالەتكە يەتكەن ؛ كامالەتكە يەتكەنلىك ، تولغانلىق؛
- تەكاۋەر — يۈگۈرۈك ئات ؛ تۇلپار؛ ئۇچقۇر ، يۈگۈرۈك؛ [تەكاۋەر سۈرمەك --- ئات چاپتۇرۇپ يۈرمەك،ئات چاپتۇرۇپ كىرمەك]؛