لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەزكىرە — ئارخىپ ، ئەسلەش ، خاتىرە ؛ ئەسلىمە ؛ تەرجىمىھال؛
- تەزكىيە — پاكلاشتۇرۇش ، تازىلاش ، ساپلاشتۇرۇش؛
- تەزمىن — ئۆز شېئىرىدا باشقىلارنىڭ شېئىر مىسرالىرىنى نەقىل قىلىش،نەقىل كەلتۈرۈش ؛ زىياننى تۆلىتىش؛ تۆلەم ، جەرىمانە؛
- تەزھىب — زەرلەش ، ئالتۇن قاپلاش ، ئالتۇن بىلەن نەقىشلەش؛
- تەزۋەر — ھىلە-مىكىر؛ قۇۋلۇق؛ئالداش؛
- تەزۋىج — ئۆيلەندۈرۈش ؛ نىكاھ ؛
- تەزۋىر — ئالداش ، ھىيلە، نەيرەڭ؛ ساختىپەزلىك قىلىش، ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىش؛ يالغاندىن ياساپ چىقىش؛
- تەزيىد — ئاشۇرۇش ، كۆپەيتىش ، زىيادە قىلىش؛
- تەزيىن — زىننەتلەش ، بېزەش؛ [تەزيىن بەرمەك --- زىننەتلىمەك،بېزىمەك]؛ [ تەزيىن تاپماق ---زىنىنەتلەنمەك ، بېزەلمەك]؛ [ئاسمان تەزيىن
- تەسادۇف — توغرا كېلىپ قېلىش؛ ئۇچرىشىپ قېلىش ، كۈتۈلمىگەندە ئۇچراپ قېلىش، تەسادىپىي ۋەقە،تەسادىپىيلىق؛
- تەسادۇفى — توغرا كېلىپ قالغان ، كۈتۈلمىگەندە ئۇچرىشىپ قالغان، تەسادىپىي، توساتتىن؛
- تەسادىپ — كۈتۈلمىگەن؛ دۇچكەلمەك؛
- تەسامۇئ — ئۆزىنى ئاڭلىغان قىلىپ كۆرسىتىش ، ئۆزىنى ئاڭلاۋاتقان قىياپەتكە كىرگۈزۈۋېلىش؛
- تەسانىف — ؛«تەسنىف»نىڭ كۆپلۈكى : يېزىپ پۈتتۈرۈلگەن كىتابلار؛ئىجادىيەتلىرى؛ تۈرگە ئايرىلغانلار،تۈرلەنگەنلەر، تۈپلەنگەنلەر ؛ سىنىپقا
- تەساۋى — باراۋەرلىك ، تەڭلىك ، ئوخشاشلىق؛
- تەساۋىر — ؛«تەسۋىر»نىڭ كۆپلۈكى : سۈرەتلەر ، رەسىملەر ، تەسۋىرلەر؛
- تەسەددۇق — سەدىقە قىلىش ، خەير - ئېھسان قىلىپ بىراۋغا بىرەر نەرسە بېرىش؛[ تەسەددۇق قىلماق --- سەدىقە قىلماق ، سەدىقە قىلىپ بەرمەك]؛
- تەسەررۇف — ئۆز ئىختىيارىغا ئېلىش ، ئىگىلىك قىلىش ، ئىگىلەش ؛ شېئىردا ئايرىم سۆزلەرنىڭ گىراماتىك شەكلىنى شائىر ئۆز رايىچە ئۆزگەرتىش؛
- تەسەررۇفات — ؛«تەسەررۇف»نىڭ كۆپلۈكى : تەسەررۇپلار؛
- تەسەرۇب — ئىگىدارلىق قىلىش؛ ئىگە بولۇش ؛ مۈلۈكنى ئىشغال قىلىش.
- تەسەلسۇل — زەنجىر ھالقىلىرىغا ئوخشاش ، بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ كېتىش،بىر - بىرىنىڭ ئارقاسىدىن تىزىلىش، ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلمەي؛ بىر - بى
- تەسەللۇت — بويسۇندۇرۇش ، بېسىپ چۈشۈش ، يېڭىش ، ھۆكۈمرانلىق قىلىش،باشقۇرۇش؛
- تەسەللۇف — ماختانچاقلىق ، ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسەلەرنى بىلىمەن دەپ داۋا قىلىش، بىلەرمەنلىك قىلىش؛
- تەسەللى — كۆڭلىنى ئېچىش ، خۇشاللاندۇرۇش ، ئىچ - پۇشۇقىنى چىقىرىش؛