لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەرھى تەئەب — مۇشەققەت؛
- تەرھىب — ؛1) قورقۇتۇش، تەھلىكە ، تەھدىت ، ۋەھىمىگە چۈشۈرۈش؛ 2)قارشى ئېلىش، ئالقىشلاش؛
- تەرۇتازە — ياشنىغان ، گۈللەنگەن؛ [تەرۇتازە ئەيلەمەك --- ياشناتماق،گۈللەتمەك]؛
- تەرۋىج — راۋاجلاندۇرۇش ، كېڭەيتىش ، گۈللەندۈرۈش ، قىممەت ۋە ئېتىبارىنى ئاشۇرۇش؛
- تەرۋىھ — راھەتلەندۈرۈش، دەم ئالدۇرۇش ، يەلپۈپ قويۇش ، يەلپۈش؛
- تەرىپ — شەكىلنى، ئالامىتىنى ئەتراپلىق سۆزلەپ چۈشەندۈرمەك.
- تەرىپلىمەك — ئۇتۇق ۋە ياخشىلىغىنى كۆرسىتىپ ماختىماق.
- تەرىد — ؛1) خىتاپ ، نەرە، سۈرەن ، قاتتىق ھۇجۇم؛ [تەرىد ئەيلەمەك، تەرىد ئەتمەك --- قاتتىق ھۇجۇم قىلماق]؛ 2)شورپىغا چىلانغان نان ؛
- تەرىق — يول ، ئۇسۇل ، يوسۇن ، قائىدە ، رەسمىيەت ، مەسلەك ؛ ۋاسىتە ،سەۋەب؛
- تەرىقەت/ تەرىقە — ئۇسۇل ، يول ، مەسلەك ؛ سوپىلىق يولى؛ [ تەرىقەت ئەھلى --- سوپىلار، سوپىزمچىلار]؛
- تەرىي — يېڭى ، ياش ، ئۆسمە ، نوتا ، يۇمشاق، ئەۋرىشىم ، گۈزەل ، پاكىز ، ساپ ، تازا؛
- تەرياق — تىرياق؛
- تەرياك — ئەپيۈن ، زەھەر كەسكۈچى دورا؛
- تەزئىف — ھەسسىلەش ، ئىككى ھەسسە قىلىش؛ [ تەزئىف ئولماق --- ھەسسىلەنمەك، ئىككى ھەسسە بولماق]؛
- تەزائۇف — ھەسسىلىنىش، يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈلۈش، يەنە بىر ھەسسە ئېشىش؛
- تەزاكىر — ؛«تەزكىرە»نىڭ كۆپلۈكى : تەزكىرىلەر؛
- تەزەررۇئ — يېلىنىش ، يالۋۇرۇش؛ [ تەزەررۇئ ئەيلەمەك، تەزەررۇئ ئەتمەك --- يالۋۇرماق، يېلىنماق،ئىلتىجا قىلماق]؛
- تەزەككۇر — ئەسكە ئېلىش ، يادىغا چۈشۈرۈش ، ئېغىزغا ئېلىش ، كۆرسىتىپ ئۆتۈش، تەكىتلەش؛ئالدىن ئۇقتۇرۇش؛
- تەزەلزۇل — تەۋرەش ، سىلكىنىش ، تىترەش؛ يەر تەۋرەش ؛ ئەھۋال ئۆزگىرىش ، ھولۇقۇش؛ [تەزەلزۇل تاپماق --- تەۋرىمەك، تىترىمەك]؛
- تەزەللۇل — ئۆزىنى پەس تۇتۇش ، ئۆزىنى كەمسىتىش؛
- تەزەللۇم — زۇلۇم ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ، زۇلۇمدىن زارلىنىش، دات -پەريات؛ نالە؛ پەرياد قىلىش ؛ ئىقلىم [تەزەللۇم ئەيلەمەك، تەزەللۇم
- تەزەۋۋۇج — جۈپلىشىش، نىكاھلىنىش ، ئۆيلىنىش؛
- تەزەييۇق — تارىيىش ، تارلىشىش ، سىقىلىش ، قىسىلىش؛
- تەزكىر — خاتىرىگە كەلتۈرۈش ، ئېسىگە كەلتۈرۈش ، ئەسلەش ، يادىغا سېلىش؛