لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەرسا — ؛(1) خىرىستىيان دىنىدىكى ، خىرىستىيانىي، ئىساۋىي؛ بۇتپەرەس؛ (2) جاھىل؛ مىجەزى يامان ؛
- تەرسكار — پەرھىز قىلغۇچى ، پەرھىزكار، ئۆزىنى ئاقلىغۇچى ، بويسۇنغۇچى؛
- تەرسىئ — بىرەر نەرسەنى ئېسىل تاشلار بىلەن زىننەتلەش ، بېزەش ؛ شېئىردا بىرىنچى مىسرا سۆزلەرىنى ئىككىنچى مىسرا سۆزلەرى بىلەن ئاھاڭد
- تەرسىم — بىر ئىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈش، لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش ، بىر نەرسەنىڭ چېرتيۇژىنى سىزىپ چىقىش؛ رەسىم سىزىش، چېرتيۇژلاشتۇرۇش، ج
- تەرغىب — قىزىقتۇرۇش ؛ ئۈندەش ، رىغبەتلەندۈرۈش ، قايىل قىلىش ، يول قويۇش؛
- تەرفىئ — ئېگىز كۆتۈرۈش ، دەرەجەسىنى ئۆستۈرۈش ، ئۆستۈرۈش ، يۈكسەلدۈرۈش؛
- تەرفىھ — خاتىرجەم قىلىش ، باياشادلاشتۇرۇش ، تىنچلىق ، خاتىرجەملىك،ئاسايىشلىق؛
- تەرقىق — ئىنچىكە قىلىش ، نېپىزلىتىش، ئىنچىكىلەش ، تەپسىلىي يېشىش،ئىنچىكە چۈشەندۈرۈش؛
- تەرقىم — بەلگە قويۇش ، نومۇر سېلىش ، ئەن سېلىش ، نومۇر بېكەتىش؛
- تەرك — ؛1) تاشلاش ، قالدۇرۇش ، ۋاز كېچىش ، قول ئۈزۈش، تاشلىۋېتىش،جۇدالىق؛ 2)ئۇرۇشتا باشقا كىيىلىدىغان مېتال قالپاق، دوبۇلغا؛
- تەركەشبەند — ئوقچى، ئاتقۇچى؛
- تەركى ئەدەب — ئەدەپسىزلىك ، ئەدەپكە زىت ئىش - ھەرىكەت؛
- تەركى خاب — ئۇيقۇسىزلىق ، ئۇيقۇدىن كېچىش؛
- تەركى ھۇش — ھوشىدىن كېتىش ، ھوشىنى يوقاتىش؛ [تەركى ھۇش ئەيلەمەك --- ھوشىنى يوقاتماق،ھوشىدىن ئايرىلماق]؛
- تەركىب — بىرىكتۈرۈش ، قۇراشتۇرۇش ، بىرىكمە؛
- تەركىب بەند — شېئىردا كۇپلېتلارنىڭ بىرىكىشى(بۇنىڭدا شائىر ۋەزنى بىر ، قاپىيەسى ھەر خىل بولغان بىر نەچچە كۇپلېت شېئىرنىڭ ھەر كۇپلېتى ئا
- تەركىي — پەتنۇس ، تائام شىرەسى؛
- تەركىي دۇنيا — دۇنيادىن ۋاز كەچمەك؛ دۇنيادىن بەزمەك.
- تەرگەشمەك — تەرگەشمەك ، تىللاشماق؛
- تەرگەمەك — ئەيىبلىمەك ؛ چەكلىمەك ، توسماق؛
- تەرلىك — ئىچ كۆڭلەك؛
- تەرناۋ — تارناۋ؛
- تەرھ — لايىھە ، پىلان ؛ قۇرۇلۇش ؛ پىچىم ؛ تەرتىپ ، تۈزۈم ؛ تۈزۈش ، تەرتىھپكە سېلىش؛ تاشلاش،ئالىپ تاشلاش؛
- تەرھى ئەجەب — ئاجايىپ بىنالار لايىھەسى ، قالتىس پىلان؛ [تەرھى ئەجەب سالماق --- ئاجايىپ پىلان تۈزمەك ، ئاجايىپ ئىش قىلماق]؛