لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەربىئ — تۆت چاسا قىلىش، تۆتكە يەتكۈزۈش ، تۆتلىك قىلىش ، تۆتكە بۆلۈش،بىر پىلانېتنىڭ يەنە بىر پىلانېت بىلەن توقۇنۇشى؛
- تەربىيە/تەربىيەت — تەربىيە ، ئۆگىتىش ، يېتىشتۈرۈش ، بېقىپ ئۆستۈرۈش؛
- تەربىيەتكەردە — ؛.........نىڭ تەربىيەسى بىلەن يېتىشكەن كىشى؛
- تەرتىب — رەتلەش ، ئورۇنلاشتۇرۇش ، تىزىش ، قاتار قىلىش ؛ رەت ، قاتار؛ئۇسۇل؛
- تەرتىپ — Procedure(ئىسىم)--بىرەر ئىشنى تاماملاش ياكى مەقسەتكە يېتىشىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن تەرتىپتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئېنىق قەدەملەر
- تەرجخئ — قايتۇرۇش ، قايتۇرما ؛ تەكرارلاش ، قايتىلاش؛
- تەرجۈمە — يەشمە ، تەرجىمە؛
- تەرجىئ بەند — قايتۇرمىلىق شېئىر . بۇنىڭدا شائىر ۋەزنى بىر، قاپىيەسى ھەرخىل بولغان بىرنەچچە كۇپلېت شېئىرنىڭ ھەر كۇپلېتى ياكى مۇئەييەن ب
- تەرجىمان(?????) — Interpreter(ئىسىم)-- دېگەن سۆز بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا ئېغىزمۇ-ئېغىز تەرجىمە قىلىدىغان كەسپىي خادىمنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلار
- تەرجىھ — بىر نەرسەنى ئىككىنچى بىر نەرسەدىن ئارتۇق كۆرۈش ، ئۈستۈن كۆرۈش؛ [تەرجىھ ئەيلەمەك، تەرجىھ قىلماق --- ئۈستۈن كۆرمەك]؛ [تەرج
- تەرخان — تارخان؛
- تەرخەمەك — كۆكتاتنىڭ بىر تۈرى؛
- تەرخىم — بوغۇم ئاخىرىدىكى بەزى تاۋۇشلارنى ئىخچاملىۋېتىش ، تاۋۇشنىڭ چۈشۈپ قېلىشى؛ ئاۋازنى پەسەيتىش ، ئاۋازنى يېقىملىق قىلىش؛
- تەرد — قوغلاش ، سۈرۈش ، چىقىرىۋېتىش ، چىقىرىپ تاشلاش ، قوغلاپ چىقىرىش؛
- تەردارى — ئوغرىلىق ، يانچۇقچىلىق ، ئالدامچىلىق؛
- تەردامەن — گۇناھكار ، يارىماس ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچى؛
- تەردىد — رەت قىلىش ، رەددىيە بېرىش ؛ بىر قارارغا كېلەلمەسلىك، ئىككىلىنىش؛
- تەررار — ئوغرى ، يانچۇقچى ، ئالدامچى؛
- تەرراھ — نەقىشچى، نەققاش، بىنالارنى بېزىگۈچى ، بىناكار؛
- تەرراھلىغ/تەرراھلىق — نەققاشلىق ، بىناكارلىق؛
- تەررە — كۆكتات ، ئوتياش؛
- تەررە فۇرۇش — كۆكتاتپۇرۇش ، ئوتياش ئالىپ ساتقۇچى؛
- تەرز — تەرز ، ئۇسۇل ، چارە، تۇرق ، شەكىل؛
- تەرس — قورقۇش ، قورقۇنچ، خەۋپ ، ۋەھىمە ، ئەنسىزلىك؛ تەتۈر، تەتۈرىسى؛