لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەراۋەت — يېڭىلىق ، يۇمرانلىق ؛ ساپلىق ، تازىلىق؛
- تەراۋىش — سىزلاپ چىقىش ، تېمىش ، ئېقىش، ئېقىپ چىقىش؛ [تەراۋىش ئەيلەمەك،تەراۋىش ئەتمەك --- سىزلاپ چىقماق ، تامماق]؛
- تەراۋىھ — ؛«تەرۋىھە»نىڭ كۆپلۈكى: رامىزان ئېيىدا، ھەر كۈنى كەچتە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ناماز ، تاراۋا؛
- تەرەب — خۇرسەنلىك ، شادلىق، ئامراقلىق؛ خۇشاللىق؛ [تەرەب ئەنگىز --- شادلىق كەلتۈرگۈچى]؛ [تەرەب ساغەرى --- شادلىق پىيالەسى؛ خۇشچاق
- تەرەبخىز — شادلىق قوزغىغۇچى ، خۇرسەن قىلغۇچى؛
- تەرەبفەزا — شادلىقنى ئاشۇرغۇچى ، خۇشاللاندۇرغۇچى؛ شادلانغۇچى؛
- تەرەبناك — خۇرسەن ، شاد ؛ خۇرسەنلىك بىلەن ، خۇشاللىق بىلەن؛
- تەرەددۇد — بىرەر مەسىلە ئۈستىدە بىرەر قارارغا كېلەلمەي قېلىش ، ئىككىلىنىش؛ ئەندىشە؛
- تەرەسسۇد — بىر جايغا مۆكۈنۈپ بىراۋنىڭ كېلىشىنى كۈتۈش ؛ پۈتۈن دىققەت - ئېتىبارى بىلەن ساقلاپ تۇرۇش؛ كۈتۈش ، ساقلاش ، كۈزىتىش؛
- تەرەششۇئ — سىزىش؛ تەپچىش؛ ئېقىش.
- تەرەششۇھ — سىزلاپ چىقىش ، ئېقىپ چىقىش ، تامچىلاش ، تېمىش، بىرەر يوشۇرۇن نەرسەنىڭ بىلىنىپ قېلىشى؛ [تەرەششۇھ قىلماق --- سېزىلمەك،بىلى
- تەرەف — تەرەپ ، ياق ، يان؛
- تەرەفەين — ھەر ئىككى تەرەپ ، ئىككىلا تەرەپ؛
- تەرەفدار — تەرەپدار ، ياقلىغۇچى ، يان باسقۇچى ، بىر سەپتە تۇرغۇچى؛
- تەرەففۇئ — يۇقارى كۆتۈرۈش ، يۇقارىلاش ، يۈكسىلىش؛
- تەرەققىي قىلمىغان — Underdeveloped (سۈپەت) — (1) ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ياكى سانائەت جەھەتتە كۈتۈلگەن سەۋىيەگە يەتمىگەن، باشقىلارغا نىسبەتەن
- تەرەققىيات — Development(ئىسىم)--بىرەر نەرسەنى ئۆستۈرۈش، ياخشىلاش، يېڭىدىن ياساش ياكى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىقتى
- تەرەككۇب — تەركىب تېپىش، قوشۇلۇپ ھاسىل بولۇش ، قۇراشتۇرۇلۇش؛
- تەرەنجەبىن — يانتاق شېكىرى، تەرەنجىۋىل؛
- تەرەننۇم — كۈيلەش ، ناخشا ئېيتىش ، سايراش، گۈزەل سۆزلەش؛ مۇزىكا ئاۋازىغا قوشۇلۇش؛ جۆربولۇش؛ ناخشائېيتىش؛ [تەرەننۇم ئەيلەمەك، تەرەنن
- تەرەننۇمات — ؛«تەرەننۇمات»نىڭ كۆپلۈكى : كۈيلەر ، كۈيلەشلەر ، ناخشا ئېيتىشلار ، سايراشلار ،گۈزەل سۆزلەشلەر؛
- تەرەننۇمگەر — چالغۇچى ، سازەندە ، مۇزىكانت ، كۈيلىگۈچى ، ناخشاچى؛
- تەرەھھۇم — رەھىم قىلىش ، رەھىم - شەپقەت ، غەمخورلۇق ، مەرھەمەت؛ [تەرەھھۇم ئەيلەمەك --- رەھىم قىلماق]؛
- تەرەيان — بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى ، بىرەر ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى؛