لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەخلىس — خالاس قىلىش ، قۇتقۇزۇش؛ تازىلاش ، پاكىزلاش ، ساپلاشتۇرۇش؛[تەخلىس بەرمەك --- قۇتقۇزماق، تازىلىماق]؛
- تەخلىل — ئېچىتىش ، بولدۇرۇش ؛ تۇزلاش؛
- تەخلىيە — بوشىتىش ، قويۇپ بېرىش ، ئازاد قىلىش ، تاشلىۋېتىش؛
- تەخمىر — ئارىلاشتۇرۇش ، يۇغۇرۇش ، خېمىر قىلىش ، بولدۇرۇش ، ئېچىتىش؛ [ تەخمىر ئەيلەمەك --- يۇغۇرماق ، خېمىر قىلماق]؛
- تەخۋىف — قورقۇتۇش ، تەھدىت؛ [تەخۋىف ئەتمەك --- قورقۇتماق،تەھدىت سالماق]؛
- تەخىش — ئوقيا ئوقى، ئوتلۇق ئوق؛
- تەدارۇك — ئورنىنى تولدۇرۇش؛ (خاتانى ) تۈزىتىش؛ تەييارلاش ؛ يىغىشتۇرۇش ؛ تەمىنات ؛ ئىلاج ، پارە؛
- تەدان — ھېيلىگەر؛ قۇۋ؛ بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سالغۇچى؛پەملىك؛
- تەداۋى — داۋالىماق ، ئەملىمەك؛
- تەدەننى — تۆۋەنلەش ، چۈشۈش ، تۆۋەنلىشىش ، چۈشۈپ كېتىش ، چۈشكۈنلىشىش؛
- تەدەييۇن — دىندار بولۇش ؛ ئىخلاسمەنلىك ، ساداقەت ، سادىقلىق؛
- تەدبىر — تەدبىر، چارە، ، ئۇسۇل ، پىلان؛
- تەدرىج — قەدەممۇقەدەم بولىدىغانلىق ، تەدرىجىيلىك؛
- تەدقىق — تەتقىق ، سىنچىلاپ تەكشۈرۈش ، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ، ئىسپاتلاش؛
- تەدۋىن — توپلاش ، جەملەش ، ئەسەرلەرنى توپلاپ تەرتىپكە سېلىش ، كىتاب ھالەتىگە كەلتۈرۈش،دىۋان تۈزۈش ، توپلام تۈزۈش؛
- تەر — ھۆل ؛ يېڭى ، تازا؛ [تەر ئەيلەمەك --- ھۆل قىلماق ؛ ئۇيالدۇرماق، ئۇيالدۇرۇپ تەرگە چۆمدۈرۈش]؛
- تەرازو — ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى ، گىر ، تارازا؛
- تەرازى — بىر - بىرىدىن رازى بولۇش ، خۇرسەن بولۇش ، شاد بولۇش؛ [تەرازى قىلماق --- رازىلاشماق،ئۆزئارا رازى قىلىشماق]؛
- تەراش — ؛1) يونۇش، قىرىش ، كېسىش ، رەندىلەش ، سۈركەش ، سۈرۈش،ئويۇش ، تىلىش؛ 2)تاراشلىغۇچى ، يونۇغۇچى ، قىرغۇچى ، كەسكۈچى ، سىلىق
- تەراشە — رەندە قىرىندىسى ، چېپىنىدا؛
- تەراكىب — ؛«تەركىب» نىڭ كۆپلۈكى : تەركىبلەر؛
- تەراكىمە — ؛«تۈركمەن»نىڭ كۆپلۈكى : تۈركمەنلەر؛
- تەرانە — ناخشا ، ئاھاڭ ، كۈي ، مۇقام ، ئارۇز ئىلمىدە رۇبائىي ۋەزنىنىڭ نامى؛ [تەرانە سۈرمەك ---كۈيلەپ ئوقۇماق ، سۆزلەمەك]؛ [تەرانە
- تەرانغۇ — تاغ تېرىكىگە ئوخشاش بىر خىل ياۋا دەرەخ ، تورانغۇ؛