لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەجلىد — مۇقاۋىلاش ، تۈپلەش؛
- تەجنىس — قاپىيەسى ئاھاڭداش سۆزلەردىن ياكى ئاھاڭداش ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن سۆزلەردىن تۈزۈلگەن بىر خىل شېئىر شەكلى ، تۇيۇق ؛ ئىككى بىس
- تەجنىسى تام — تولۇق تەجىنس(ئاھاڭداش سۆزلەرنى ھەممە مەنالىرىدە قوللىنىش)؛
- تەجھىز — جاھازلاشتۇرۇش ، قوراشتۇرۇش؛ تەييارلاش ، تەقلەش ؛ مېيىتنى كۆمۈشكە تەييارلاش؛
- تەجھىل — بىراۋنى نادان ، جاھىل دەپ ھۆكۈم قىلىش، بىراۋنىڭ نادانلىقىنى ئىسپاتلاش ؛ دۆتلۈك ،نادانلىق ؛ قاراملىق؛
- تەجۋىد — ؛(قۇرئاننى ) ئۆلچەمگە لايىق ئوقۇش ، قائىدەگە مۇۋاپىق ئوقۇش ، توغرا ئوقۇش ، چىرايلىق قىرائەت قىلىش؛ توغرا تەلەپپۇز ، تەلە
- تەجۋىز — مۇۋاپىق تېپىش ، راۋا كۆرۈش ؛ ئىجازەت ، رۇخسەت؛ [تەجۋىز ئەتمەك --- راۋا كۆرمەك ،مۇۋاپىق تاپماق ، ئىجازەت بەرمەك]؛
- تەجۋىف — بىرەر نەرسەنىڭ ئىچىنى كاۋاك قىلىش؛ [تەجۋىف سالماق --- كاۋاك قىلماق]؛
- تەخەلخۇل — پارچىلىنىش، بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈش،بىر-بىرىدىن ئاجرىلىش،جۇدالىق ، تەۋرىنىش ، بوشاش؛ [تەخەلخۇل تاپماق --- بۆلۈنمەك ، ئاجرالما
- تەخەللۇس — خالاس تېپىش، قۇتۇلۇش ؛ تەخەللۇس ، ئەدەبىي نام؛
- تەخەللۇف — خىلاپلىق قىلىش ، ئىختىلاپ ، نامۇۋاپىقلىق ، توغرا كەلمەسلىك؛ئارقىدا قېلىش ، قالاقلىق؛
- تەخەي — تەخەي--ئېشەكنىڭ بالاسى؛ ھايۋانات تۈرى؛
- تەخەييۇل — خىيالىغا كەلتۈرۈش ، خىيال قىلىش ؛ تەسەۋۋۇر؛ [تەخەييۇل قىلماق --- خىيال قىلماق،خىيالىغا كەلتۈرمەك ، تەسەۋۋۇر قىلماق]؛
- تەخت — پادىشاھنىڭ مۇراسىملاردا ئولتۇرىدىغان مەخسۇس ئورۇندۇقى؛
- تەختە — تاختا؛
- تەختەسەنگ — تاشتاختا ، تاتىلانغان تاش؛
- تەختگاھ — تەخت قۇرۇلغان جاي ، پايتەخت ، پادىشاھ ياشايدىغان شەھەر؛پادىشاھ سارايى؛
- تەختگىر — تەخت ئالغۇچى ، كۈچلۈك پادىشاھ ، مۇستەقىل پادىشاھ؛
- تەخرىب — خاراب قىلىش ، ۋەيران قىلىش ، بۇزۇش؛
- تەخسە — Plate سۆزى كۆپ مەنالىق بولۇپ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مەناسى تاماق سالىدىغان لېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ تۈرلۈك يا
- تەخسىس — بەلگەلەش ، تەيىنلەش ، مەخسۇسلاشتۇرۇش ، خاسلاشتۇرۇش،مەخسۇس؛
- تەخفىف — يەڭگىللىتىش ؛ ئاجىزلىتىش ؛ قىسقارتىش؛ [تەخفىف ئەيلەمەك --- يەڭگىللەتمەك،ئازايتماق]؛
- تەخلىئ — ؛(كىيىمىنى ) سالدۇرۇش ، يېشىلدۈرۈش؛
- تەخلىت(تەخلىد)؛ — ئوخشاتماق، دورىماق؛ ئەسلسىگە ئوخىشىتىپ ياسىماق؛