لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەسەللىبەخش — كۆڭۈل ئاچقۇچى، كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرغۇچى؛خۇشاللاندۇرغۇچى، تەسەللى بەرگۈچى؛
- تەسەۋۇر قىلماق — تەسەۋۋۇر قىلىش-- سۆزى زېھىندا بىر نەرسەنى ھېچقانداق ماددىي دەلىل ياكى كۆرۈنۈش بولمىسىمۇ سۈرەتكە كەلتۈرۈش ياكى خىيال قىلى
- تەسەۋۋۇر — بىرەر نەرسەنىڭ ياكى ھادىسەنىڭ سۈرەتىنى ئويلاپ ئۇنى مېڭەسىدە گەۋدىلەندۈرۈش،خىيالىغا كەلتۈرۈش ، تەپەككۇر قىلىش؛
- تەسەۋۋۇر — Imagination(ئىسىم)--ئەقىلدە يېڭى رەسىم، ئۇيۇم، چۈشەنچە ياراتىش، ھېچ كۆرمىگەن ياكى مەۋجۇت بولمىغان نەرسەلەرنى ئويلىيالاش
- تەسەۋۋۇف — سوپىلىق ، سوپىزم؛
- تەسبىھ — تەسۋى ؛ ئاللاھقا ئېيتىلغان مەدھىيە ، ئىبادەت؛
- تەسبىھ تائەت — تەسۋى سېرىپ تائەت - ئىبادەت قىلىش.
- تەسخىر — ئىشغال قىلىش ، بېسىۋېلىش ، ئىگىلىۋېلىش ؛ ئىلىندۈرۈش، رام قىلىش؛ [تەسخىر ئەيلەمەك --- رام قىلماق ، قولغا كىرگۈزمەك]؛
- تەسدىر — باشتا ئولتۇرغۇزۇش ، تۆرگە چىقىرىش ؛ باشلىق قىلىش ؛ جاكارلاش؛
- تەسدىق — ئىشىنىش ، قوبۇل كۆرۈش ، ماقۇللاش ، تەستىقلاش؛ ئىسپاتلاش؛
- تەسرىھ — ئوچۇق ۋە ئېنىق ئىپادەلەش؛ ئىزاھلاش؛ [تەسرىھ ئەيلەمەك --- ئوچۇق ئىپادىلىمەك، ئېنىق سۆزلەمەك]؛
- تەسغىر — كىچىكلىتىش، چوڭنى كىچىك قىلىش؛
- تەسفىيە — تازىلاش ، ساپلاشتۇرۇش ، روشەنلەشتۈرۈش ، سۈزۈش ، تىنىقلاشقۇرۇش؛ [تەسفىيە تاپماق --- تازىلانماق، روشەنلەشمەك]؛
- تەسكىن — توختاش، جىم بولۇش ؛ توختاتىش ، تىنجىتىش؛ ئارام؛ [تەسكىن بەرمەك --- ئارام بەرمەك، تىنچلاندۇرماق]؛ [تەسكىن تاپماق --- ئارا
- تەسلىم — تاپشۇرۇش ؛ بىرەر پىكىرنى قوبۇل كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا كۆنۈش؛ تىز پۈكۈش، بويسۇنۇش؛ تەن بېرىش، قايىل بولۇش، ئېتىراپ قىلىش؛
- تەسمىيە — ئات قويۇش ، نام بېرىش ، ئاتاش؛ [تەسمىيە قىلماق --- ئىسىم قويماق، ئاتىماق]؛
- تەسنىف — تۈرلەرگە ئايرىش ، سىنىپلارغا بۆلۈش؛ بىرەر ئەسەر يارىتىش،مۇزىكادا بىرەر كۈي ئىجاد قىلىش، تۈزۈش؛
- تەسھىر — سېھىرگەرلىك قىلىش ، ئالدامچىلىق قىلىش ، سېھىر قىلىپ باشقىلارنى ئالداش، ئەخمەق قىلىش، ئازدۇرۇش ، سېھىرلەش؛
- تەسۋىر — تەسۋىر ، سۈرەتلەش ، بىر نەرسەنىڭ سۈرەتىنى چۈشۈرۈش ؛ سۈرەت،رەسىم ؛ ئوبراز؛
- تەسۋىيە — تۈزلەش ، سىلىقلاش ، سىلغايتىش؛ باراۋەر قىلىش، باراۋەرلەشتۈرۈش؛
- تەسىر/سوقۇلۇش — Impact(ئىسىم/پېئىل)--ئىسىم شەكلىدە كۈچلۈك تەسىر، ئۈنۈم، نەتىجە؛ ئىككى نەرسەنىڭ سوقۇلۇشى؛ پېئىل شەكلىدە كۈچلۈك تەسىر كۆرس
- تەسىس/قۇرۇلۇش — Establishment(ئىسىم)--بىر نەرسەنىڭ تەسىس قىلىنىشى ياكى قۇرۇلۇش جەريانىنى (مەسىلەن، "شىركەت قۇرۇلۇشى" – establishment of
- تەشئىر — چاچ ، چاچ قويۇش ، ساقال قويۇش؛
- تەشائۇر — ئۆزىنى شائىر قىلىپ كۆرسىتىش ، شائىرلىق دەۋاسى قىلىش؛