لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەئرىز — ھۇجۇم ، تاجاۋۇز ، چېقىلىش ؛ كاشىلا ، قارشىلىق؛
- تەئرىف — ماختاش، تەسۋىرلەش، سۈپەتلەش ؛ ئىزاھلاش ، تەبىرلەش؛
- تەئزىب — ئازابلاش، قىيناش ؛ رەنجىتىش؛
- تەئزىر — كايىش، ئەيىبلەش ؛ جازالاش؛
- تەئزىم — ئۇلۇغلاش، ھۆرمەتلەش؛ تەزىم؛ [تەئزىم تاپماق --- ئۇلۇغلانماق، ھۆرمەتلەنمەك]؛
- تەئزىيە/ تەئزىيەت — مۇسىبەتلىك كىشىگە تەسەللى بېرىش، ئەھۋال سوراش ، كۆڭلىنى ياساش؛ تەزىيە، ماتەم تۇتۇش؛
- تەئسىر — سەزدۈرۈش ، تەسىر ، ھېس قىلدۇرۇش؛
- تەئسىس — قۇرۇش، ياساش ، ئاساس سېلىش؛
- تەئقىب — ئارقىدىن قوغلاش ، ئىز بېسىپ قوغلاش ، پېيىگە چۈشۈش؛ مەسئۇلىيەتىنى سۈرۈشتۈرۈش،ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ، ئەيىبلەش؛
- تەئلىف — يىغىش ، توپلاش ، قوشۇش ، بىرىكتۈرۈش ، ئەسەر ، كىتاب يېزىش؛
- تەئلىق — ئېسىش ، ئېسىپ قويۇش، مۇئەللەق قىلىش ؛ ئېسىلىپ تۇرۇش؛كونا ھۆسنخەتنىڭ بىر تۈرى؛
- تەئلىم — بىلدۈرۈش ، ئۆگىتىش ، ئوقۇتۇش ، تەلىم؛
- تەئلىمات — ؛«تەئلىم»نىڭ كۆپلۆكى: ئۆگىتىشلەر ، ئوقۇتۇشلار؛ئىلىم ، تەلىمات؛
- تەئم — تەم، لەززەت؛
- تەئنە — تەنە ، مەسخىرە، مازاق؛ ئەيىپلەش ، كەمچىلىكىنى يۈزىگە سېلىش،سانجىش ، سوقۇش؛
- تەئۋىز — ؛1) بىر نەرسەنى ئىككىنچى بىر نەرسەنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش؛ 2)خۇراپىي چۈشەنچە بويىچە كۆز تېگىش ۋە باشقا پېشكەللىكلەرنى قايتۇ
- تەئۋىق — سوزۇش، كېچىكتۈرۈش ، توسالغۇلۇق قىلىش ، مەنئى قىلىش،چەكلەش ؛ بەندكە ئېلىش؛
- تەئۋىل — ئىزاھلاش ، چۈشەندۈرۈش ؛ باشقاچە چۈشەندۈرۈش ، چۈشنى ئۆرۈش؛
- تەئىر — تەييار؛ تەييارلىماق؛ تەييار بولماق؛ تەييار تۇرماق.
- تەئىمىر — بىنا سېلىش؛ ئىمارەت قىلىش.
- تەئيىد — قۇۋۋەتلەش ، مۇستەھكەملەش ، قوللاش ، جەزملەشتۈرۈش ؛ ئىسپاتلاش؛
- تەئيىن — بەلگەلەش ، مۇئەييەنلەشتۈرۈش ، تەيىن؛
- تەب — قىزىتما ، بەزگەك كېسەلى ، تەپ؛
- تەبئ — ؛1) تەبىئەت ، خاراكتېر ، مىجەز ، خىسلەت ، تالانت ، ھەۋەس؛ [ تەبئ ئەھلى --- شائىر، سەنئەت ئەھلى]؛ 2) بېسىش، خەت بېسىش، پۇ