لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەبئپەرەست — شېئىرغا بېرىلگەن ، شائىر؛
- تەبئى خۇش — ياخشى مىجەز ، خۇش تەبىئەت؛
- تەبئى مۇلايىم — زېھنى راۋان ، بىر نەرسەنى تېز ئۆگىنىۋالىدىغان ،تەبىئەتى مۇلايىم؛
- تەبئى نامەۋزۇن — تەبىئەتى كېلىشمىگەن ؛ شېئىرغا لاياقەتسىز؛
- تەبئى نەزم — نەزم تالانتى ، نەزم ھەۋىسى ، شېئىردىن خەۋەردارلىق؛
- تەبئىييەت — تەۋە بولۇشلۇق ، مەنسۇپلۇق، تەۋەلىك؛
- تەبادۇر — دەرھال، بەدەر ، شۇئان ؛ ئېسىگە چۈشۈش ، دەرھال ئويىغا كېلىش،يادىغا كېلىش؛
- تەبادۇل — ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ، سودىلىشىش؛
- تەبارەك — تەبرىكلەشكە لايىق، مۇبارەك ، بەرىكەتلىك ؛ مەرھەمەت ، شەپقەت؛
- تەبان — تۆلەم ، ئىشتىراپ؛
- تەبانە — تۆمۈنە؛
- تەباھ/ تەبەھ — خاراب ، بۇزۇق ، كېرەكسىز ، ۋەيران ، چۈشكۈن ، چىرىك؛ [تەباھ بولماق --- خاراب بولماق،بۇزۇلماق ، چۈشكۈنلەشمەك ، چىرىكلەشمەك
- تەباھكار/ تەبەھكار — چۈشكۈنلەشكەن ، ئەخلاقسىز ، ئىپلاس ، بۇزۇق ، بۇزغۇنچى،جىنايەتكار؛
- تەبايۇن — پەرق ، ئايرىمىلىق؛زىددىيەت؛
- تەبايىئ — «تەبىئەت» نىڭ كۆپلۈكى : كائىنات ، مەۋجۇدات؛ تەبىئەتلەر،خاراكتېرلار ، مىجەزلەر؛
- تەبەئە — ؛«تابىئى»نىڭ كۆپلۈكى : قول ئاستىداكىلەر ، پۇقرالار، ئۆزىگە تەۋە بولغانلار؛
- تەبەخخۇر — پارغا ئايلىنىش ، ھورغا ئايلىنىش؛
- تەبەرخۇن — قىزىل نوتىلىق تال ، قىزىل رەڭلىك؛
- تەبەررا/ تەبەررى — ئىنكار قىلىش ، چەتلىشىش ، تېنىش ، يۈز ئۆرۈش ، ئۆزىنى قاچۇرۇش؛ [تەبەررا ئەيلەمەك ---ئىنكار قىلماق ، چەتلەشمەك ، ئۆزىنى قا
- تەبەررۇد — سوغۇش ، سالقىنلاش ، شامالداش ، سوغۇققا ئايلىنىش؛
- تەبەررۈك — تەۋەررۈك؛
- تەبەررۈكلۈك بىلە — ئەتىۋارلاپ ، تەۋەرۈك قىلىپ؛
- تەبەرزىن — ئۇزۇن ساپلىق پالتا (قورال )؛
- تەبەق — ؛1) تاۋاق ، لىگەن ، تۇۋاق ، ياپقۇچ؛ 2) قاتلام؛