لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەئەففۇن — بۇلغىنىش ، سېسىش ، ئېچىش ، بۇزۇلۇش؛
- تەئەققۇل — ئەقلىگە كەلتۈرۈش ، ئەقىل يۈرگۈزۈش ، چوڭقۇر ئويلاش؛ [تەئەققۇل ئەيلەمەك، تەئەققۇل قىلماق --- ئەقلىگە كەلتۈرمەك، ئەقىل يۈرگ
- تەئەلا — ئەڭ ئېگىز ، يۇقارىلىقتا تەڭدىشى يوق ، ئەڭ بۈيۈك ، ئەڭ ئۇلۇغ؛ [ئاللاھۇتەئەلا --- ئۇلۇغلۇقتا تەڭدىشى يوق ئاللاھ]؛
- تەئەللۇق — تەئەللۇقات ، ئالاقە باغلىنىش ، مۇناسىۋەت؛ سېغىنىش ، ئەسلەش؛
- تەئەللۇل — ئىللەتلىنىش، كېسەل بولۇش ؛ باھانە قىلىش ، سەۋەب كۆرسىتىش؛ئۆزىنى قاچۇرۇش؛ [تەئەللۇل قىلماق --- باھانە قىلماق ، ئاغا قىلما
- تەئەللۇم — ئۆگىنىش ، بىلىم ئېلىش؛
- تەئەممۇل — چوڭقۇر ئويلاش ، ئىنچىكىلىك بىلەن پىكىر قىلىش ، مۇلاھىزە قىلىش؛ ئەندىشە؛ چوڭقۇر ئويغا چۆمۈش.
- تەئەممۇلات — ؛«تەئەممۇل»نىڭ كۆپلۈكى : چوڭقۇر مۇلاھىزىلەر،چوڭقۇر ئوي - پىكىرلەر؛
- تەئەممۇلسىز — ئويلىمايلا ، مۇلاھىزىسىز؛
- تەئەننى — ئاستىلىق ، سۆرەلمىلىك ، قاشاڭلىق ، ئېغىر - بېسىقلىق، ئالدىرماسلىق؛ [تەئەننى بىلە ---ئاستا ، ئالدىرىماي - تېنىمەي ، سۆرەل
- تەئەھھۇد — ۋەدە قىلىش ، زىممىسىگە ئېلىش ، سۆز بېرىش؛ [تەئەھھۇد ئەتمەك،تەئەھھۇد قىلماق ---ۋەدە قىلماق ، سۆز بەرمەك]؛
- تەئەھھۇل — ئۆيلىنىش ، ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇش ، خوتۇن ئېلىش؛
- تەئەييۇن — بەلگەلىك بولۇش ، ئېنىقلىنىش ، ئاشكارا بولۇش، شۆھرەت تېپىش؛
- تەئەييۇنات — ؛«تەئەييۇن»نىڭ كۆپلۈكى : بارلىق مەۋجۇدات ، دۇنيادا بار نەرسەلەر؛
- تەئبىر — بايان قىلىش ، ئىزاھلاش ، مەناسىنى يېشىش؛ [تەئبىر ئەيلەمەك --- يەشمەك، مەناسىنى ئاچماق، بايان قىلماق]؛
- تەئبىيە — تەييارلاش ؛ تەرتىپكە سېلىش ، جاي - جايىغا قويۇش ، ئورۇنلاشتۇرۇش؛
- تەئتىر — خۇشپۇراقلىق قىلىش، خۇشبۇي قىلىش ، ئەتىرلەش؛
- تەئتىل — ئىشنى ياكى ئوقۇشنى توختاتىش؛ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ، بىكار قىلىش؛ [تەئتىل قىلماق ---توختاتماق، بىكار قىلماق]؛
- تەئجىز — ئاجىزلاشتۇرۇش ، كۈچ - قۇۋۋەتىدىن قالدۇرۇش؛
- تەئجىل — ئالدىراڭغۇلۇق ، تاقەتسىزلىك؛ ئالدىراشلىق؛ [تەئجىل ئەيلەمەك،تەئجىل قىلماق ---ئالدىراڭغۇلۇق قىلماق ، ئالدىرىماق]؛
- تەئخىر — كېچىكتۈرۈش ، كېچىكىش؛ [تەئخىر ئەتمەك --- كېچىكتۈرمەك، كېچىكمەك]؛
- تەئداد — سان ، ساناق ؛ ھېسابلاش ، ساناش؛
- تەئدىب — ئەدىبىنى بېرىش ، جازا بېرىش ؛ تەربىيە ، نەسىھەت ، ئۆزگەرتىش،تۈزىتىش؛
- تەئدىل — توغرىلاش ، ئۇدۇللاش ، تۈزلەش ، ئاددىيلاشتۇرۇش؛ ھەققانىيلاشتۇرۇش ، ئادالەتلىك قىلىش؛